UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن پارقىراق قوڭغۇز قۇلۇلىنىڭ كۈشەندىسى دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پارقىراق قوڭغۇز قۇلۇلىنىڭ كۈشەندىسى دېيىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پارقىراق قوڭغۇز قۇلۇلىدىن خېلىلا كىچىك، ئەمما ئۇ قۇلۇلىنى قانداق تۇتۇپ يېيەلەيدۇ؟ ئەسلىدە، قۇلۇلىنىڭ قورقىدىغىنى يېتىلگەن پارقىراق قوڭغۇز بولماستىن، بەلكى پارقىراق قوڭغۇزنىڭ لىچىنكىسى ئىكەن. پاقىراق قوڭغۇزنىڭ لىچىنكىسى قۇلۇلىنى بايقىغاندىن كېيىن، دەرھال ئېتىلماستىن، ئاستا ئۆمىلەپ يېقىنلىشىدىكەن، قۇلۇلىگە تازا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا قۇلۇلىنى <ئاغزى> بىلەن بىر نەچچىنى <سۆيىدىكەن>. بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، بويى پارقىراق قوڭغۇز لىچىنكىسىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ قۇلۇلە مەست بولۇپ قالغاندەك، قىمىرلاشتىن توختايدىكەن، مۈڭگۈزىمۇ سالپىيىدىكەن. ئەسلىدە، پارقىراق قوڭغۇز لىچىنكىسىنىڭ بېشىنىڭ ئالدى تەرىپىدە چاچتەك ئىنچىكە، ئۇچلۇق ھەم قاتتىق ئىلمەكسىمان ئېڭىكى بار بولۇپ، قۇلۇلىنى <سۆيگەن> دە مەست قىلىش سۇيۇقلۇقىنى قۇلۇلىنىڭ بەدىنىگە ماڭدۇرۇۋېتىدىكەن - دە، قۇلۇلە بىر نەچچە كۈنگىچە پۈتۈنلەي مەست بولۇپ كېتىدىكەن. قۇلۇلە قانچىلىك چوڭ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئومۇمەن پارقىراق قوڭغۇزنىڭ بىر لىچىنكىسى ھۇجۇم قىلىپ مەست قىلىۋەتكەندىن كېيىن، لىچىنكىنىڭ ھەمراھلىرى ئولىشىپ كېلىپ قۇلۇلىنى مەززە قىلىپ يېيىشىدىكەن. ئۇنداقتا لىچىنكا قۇلۇلىنى قانداق يەيدۇ؟ بۇنىڭغا لىچىنكىنىڭ چارىسى بار ئىكەن. لىچىنكا قۇلۇلىنىڭ بەدىنىگە ھەزىم قىلىش فېرمېنتىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بىر خىل ماددىنى ماڭدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، قاتتىق ھالەتتىكى قۇلۇلە سۇيۇق شىرنىگە ئايلىنىدىكەن. ئاندىن لىچىنكىلەر شالاپلىتىپ تازا يېيىشىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە