UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟

سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سازاڭسىمان مەددە قۇرت تۇخۇمى بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن تۇخۇم ئاستا - ئاستا يېتىلگەن قۇرت بولۇپ يېتىلىدۇ، ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈش باسقۇچىدا سازاڭسىمان مەددە قۇرت پەيدا قىلىدىغان ئىپادىلەرمۇ بىرقانچە خىل بولىدۇ. 1. لىچىنكا مەزگىلىدە ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئىپادىلەر بولىدۇ: قۇرت تېنىدىكى غەيرىي خاراكتېرلىك ئاقسىل رېئاكسىيە ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن: يەلتاشما، بۇرۇن شىلىمشىق پەردە ياكى يۇتقۇنچاق قىچىشىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. لىچىنكا ئۆپكىنى تېشىپ كىرىپ، ئىنچىكە قان تومۇر ئارقىلىق ئۆپكىدە ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ ۋە يۆتەل، نەپەس سۈرئىتى تېز بولۇش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئاندا - ساندا لىچىنكا جىگەر، مېڭە، كۆز قاتارلىق ئەزالارغا يۆتكىلىپ، جىگەر يوغىناپ كېتىش، تارتىشىش، كۆز ئىششىپ ئاغرىش قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. 2. يېتىلگەن قۇرت پەيدا قىلىدىغان ئىپادىلەر تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ: ئىشتىھاسىزلىق ياكى قورسىقى ئوڭاي ئېچىپ كېتىش، ئىچى سۈرۈش ۋە قەۋزىيەت شۇنداقلا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىپادىلەر ئاساسەن قورساق ئاغرىش، كىندىكنىڭ ئەتراپى ئاغرىش، ئاغرىغان ۋاقىت تۇراقلىق بولماسلىق، قاتتىق ئاغرىماسلىق، ئۇۋۇلىغاندىن كېيىن ياخشىلىنىپ كېتىش قاتارلىقلار. ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردىكى سازاڭ مەددە قۇرت بىلەن يۇقۇملانغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ ناچار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسىز. يەنە روھسىز بولۇش، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىش، چىشىنى غۇچۇرلىتىش، غەيرىي يىرىك نەرسىلەرگە ئامراق بولۇپ قېلىش (مەسىلەن: ئۇششاق تاش پارچىلىرى، قۇم قاتارلىقلارنى چايناشقا ئامراق بولۇش)، چىرايى ئاقىرىپ كېتىش ۋە داغ پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەددە قۇرت كېسىلى، سازاڭ مەددە قۇرت تىپىدىكى ئۈچەي توسۇلۇپ قېلىش كېسىلى، ئۈچەي تېشىلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
سازاڭسىمان مەددە قۇرت كېسىلىنىڭ قانداق ئىپادىلىرى بولىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki