نېمە ئۈچۈن يادرو قورللىرىنىڭ ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇش كۈچى پەۋقۇلئاددە زور بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ خروشما ئاسمىنغا غايەت زور موگۇسىمان تۇمان كۆتۈرۈلدى. دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى يادرو قورالى - ئاتوم بومبىسى پارتىلىدۇ! پۈتكۈل خروشما شەھىرىدىكى بارلىق ئۆي - ئىمارەتلەر ۋەيران قىلىندى، ھەممىلا يەردە لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتاتتى، پارتىلاشتا تەخمىنەن 200 مىڭ ئادەم ئۆلدى ۋە يارىلاندى.
نېمە ئۈچۈن ئاتوم بومبىسىنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئادەتتىكى بومبىلارنىڭكىدىن زور بولىدۇ؟
ئەسلىدە، ئاتوم بومبىسى ئادەم ئۆلتۈرۈش - يارىلاندۇرۇشتا پارتلاشتىن ھاسىل بولىدىغان بومبا پارچىلىرىغا تايانمايدۇ. ئاتوم بومبىسى پارتىلىغاندا، ئۇنىڭدىكى يادرو خام ئەشياسى ئېغىر يادرو يىمىرىلىش رېئاكسىيىسى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ نەچچە يۈز مىڭدىن بىر سېكونت ئىچىدە نەچچە مىڭ گرادۇس يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە نەچچە ئون مىليارد ئاتموسفېرا بېسىمىغا تەڭ كېلىدىغان ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدۇ. پارتىلاشتىن ھاسىل بولغان غايەت زور زەربە دولقۇنى بارلىق ئۆي - ئىمارەتلەرنى ئۆرۈپ تۈزلىۋېتىپلا قالماي، يەنە ئادەم تېنى ۋە ھايۋانلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى زەخىملەندۈرۈپ قانىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۈچلۈك نۇر رادىئاتسىيىسى ۋە ئىسسىقلىق رادىئاتسىيىسىنىڭ تەسىرىدە، پولات - تۆمۈرلەر ئېرىپ، دەل - دەرەخ، ئوت - چۆپ كۆيۈپ تۈگىشىدۇ. يادرو پارتىلاشتىن يەنە كۆپ مىقداردا نۇر ھاسىل بولۇپ، ئادەمنىڭ نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقىرى سىجىللىقتىكى ئېلېكترو ماگىنىت ئىمپۇلىسى بارلىق ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ، تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغىنى شۇكى، يادرو پارتىلىغاندىن كېيىن يادرو رادىئاتسىيىسىگە ئۇچرىغان نەرسىلەر يەنىلا ئىنتايىن كۈچلۈك بۇلغاش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ زىيىنى نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ.
ۋودورۇد بومبىسى كۈچ - قۇدرىتى ئاتوم بومبىسىدىنمۇ زور بولغان ئىككىنچى ئەۋلاد يادرو قورالى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەيران قىلىش رولى ئاتوم بومبىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. نېيترون بومبىسى ئۈچۈنچى ئەۋلاد يادرو قورالى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى زور مىقداردىكى نېيترون ئېقىمىغا تاينىپ ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ، يارىلاندۇرۇىدۇ ۋە ئەسلىھەلەرنى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.