UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن توغراقنىڭ چۆلدىكى ياشاش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن توغراقنىڭ چۆلدىكى ياشاش ئىقتىدارى ئالاھىدە كۈچلۈك بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن توغراق ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللەكلەردە ئۆسىدۇ. ئۇ خېلى <ئەقىللىق> بولۇپ، چۆلدە ئۆسۈشتە سۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا، بىر تۈپ توغراق كۆچىتى ھامان ئالدى بىلەن يىلتىزلايدۇ، ئۇنىڭ يىلتىزىنىڭ تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى مايسا ۋاقىتتىدىكىدىن تۆت - بەش ھەسسە تېز بولىدۇ. يىلتىزلىرى تەرەققىي قىلىپ يېتىلىپ بولۇپ، سۇ تولۇقلانغاندىن كېيىن، غولى تېز سۈرئەتتە ئۆسۈشكە باشلايدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا بىر يىلدا بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ. توغراقنىڭ يىلتىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 نەچچە مېتىرغا يېتىدۇ، يىلتىزلىرى خۇددى ئۆمۈچۈك تورىدەك زىچ بولۇپ، نەچچە ئون كۋادرات مېتىر دائىرىسىدە ئون مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستى سۈيىنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىلتىزلىرى ھامان سۇ، ئوغۇت كۆپ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان يۆنىلىشكە ئۇزىراپ ماڭىدۇ. سول تەرىپىدە سۇ مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالغاندا، ئۇ ئوڭ تەرىپىدىكى يىلتىز سىستېمىسى ئارقىلىق سۇنى سۈمۈرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن غولىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى شاخ - يوپۇرماقلىرى كۆكلەيدۇ. ئەگەر پۈتكۈل سۇ مەنبەسى قىس بولغاندا، ئۇ شاخ - يوپۇرماقلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق پارغا ئايلىنىشنى ئازايتىدۇ، سۇ كۆپەيگەن ھامان شاخ يوپۇرماقلىرى قايتىدىن باراقسانلىشىپ، ئەسلىدىكى ئۆسۈش ئىقتىدارى ئەسلىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە قۇرغاق مەزگىلدە ئىشلىتىش ئۈچۈن، تېنىدە كۆپ مىقداردا سۇ ساقلىيالايدۇ. توغراقنىڭ يەنە شوردىن قورقمايدىغان ئاجايىپ ماھارىتى بار. ئېلىمىزدىكى شىنجاڭنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدا يەر ئاستى سۇلىرىنىڭ تۇز تەركىبى 50 پىرسەنتكە يېتىدۇ. لېكىن توغراق بۇ جايدا ئوخشاشلا بۈك - باراقسان ئۆسۈۋېرىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، توغراق تېنىدىكى ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، يەر ئاستى سۈيىدىن سۇ ۋە ئوزۇقلۇقلارنى سۈمۈرۈۋېلىپ، شورنى تېنىنىڭ سىرتىغا چىقىرىۋېتەلەيدۇ. توغراق قورغاقچىلىق ۋە شورغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، شۇڭا ئۇ چۆللۈكتە ئۆسۈۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە