UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنئۇپا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىنئۇپا ئىشلىتىشكە بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن ئانىلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇپىلاپ قويۇشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئەھمىيەتسىزلا بىر ئىش. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى يۇمران، تېرە مۈڭگۈز قەۋىتى نېپىز، مۇداپىئە ئىقتىدارى ئاجىزراق بولۇپ، ئاسانلا يۇقۇملىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى تېز، تېرىدىكى تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشى ئۈستۈن، ئۇپا تەرنىڭ رولى ئاستىدا ئاسانلا بىرىكىپ تېرىدىكى قورۇقلارغا يىغىلىپ، تەر بەزلىرىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، ھۆل تەمرەتكىنى شۇنداقلا ئۇپا ماددىسى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى بىلەن سۈركىلىش ھاسىل قىلىپ، تېرە قىزىرىپ ئىششىش ھەتتا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بوۋاقنى يۇيۇپ ئۇپا ئشلەتمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە