ھامىلىدار ئاياللار سۇ ئۈزسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدار ئاياللار ئەمگەككە قاتناشسا ياكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا بالىياتقۇ بوينىنىڭ تارىيىشىغا ئازدۇر - كۆپتۇر تەسىرى بولىدۇ. بالىياتقۇ بوينى تارايغاندا، بالىياتقۇ بوينىنىڭ قان ئايلىنىشى بىر قېتىملىق ئازلاپ، ھامىلىنى قان بىلەن تەمىنلىشىمۇ ئازلاپ كېتىدۇ. تەن سالامەتلىكى ساغلام ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتناشسا، گەرچە بالىياتقۇ بوينىنىڭ قان ئايلىنىشى ئازلاپ كەتسىمۇ، بىراق ھامىلىگە چوڭ تەسىرى بولمايدۇ. چۈنكى ھامىلە مۇۋاپىق بولغان بېسىمغا چىداش كۈچىنى يېتىلدۈرىدۇ، ئەكسىچە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ تەنھەرىكەتتىن كېيىن ئۈنۈملۈك داس سۆڭەكنىڭ قان ئايلىنىشىنى راۋان قىلىپ، ئورگانىزملارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ھامىلىدار ئاياللار ۋە ھامىلىگە پايدىلىق، سۇ ئۈزگەندىكى نەپەس ھەرىكىتى ۋە مۇسكۇللارنىڭ كۈچى قاتارلىق ئەھۋاللار مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، كۆزى يورىغانغا ئوخشايدۇ.شۇڭا سۇ ئۈزۈشنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان ئەڭ ياخشى تەرىپى كۆزى يورۇش جەريانىنى قىسقارتىش ۋە قىيىن تۇغۇت نىسبىتىنى ئازلىتىشقا پايدىلىق. ئەلۋەتتە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ سۇ ئۈزۈش ۋاقتى ئادەتتە بىر سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىك( 300 - 400 مېتىر ئەتراپىغىچە ئۈزسە بولىدۇ، سۇ ئۈزۈشتىن ئاۋۋال بەدەننى ئىسسىق ساقلاش كىيمىنى تولۇق كىيىپ، سۇغا سەكرەش ۋە ئوڭدىسىغا ئۈزۈشتىن ساقلىنىش؛ سۇ ئۈزگەندە قۇتقۇزۇش ئەسۋابلىرى ۋە ئادەملەر بولۇشى كېرەك