UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئاي شارىدا ئازراقمۇ ئاۋاز يوق؟

نېمە ئۈچۈن ئاي شارىدا ئازراقمۇ ئاۋاز يوق؟

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر بۇرۇن ئاي شارىنى چىرايلىق بىر ئەپسانىۋى دۇنيا، ئۇ يەردە كۆركەم، ھەشەمەتلىك ئوردا - قەسىرلەر، لەرزان ئۇسسۇل ئويناپ تۇرىدىغان ھۆر - پەرىلەر بار... دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقانىدى. 1969 - يىل 7 - ئاينىڭ 21 - كۈنى <ئاپوللو - 11> ناملىق ئالەم كېمىسى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئېلىپ تۇنجى قېتىم ئاي شارىغا قونۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇردى. كىشىلەر ئاي شارىنىڭ ئۇنچىۋالا گۈزەل ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭدا ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ تۇرماق، ئۇچار قانات ۋە باشقا ھايۋانلار يوق ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئازراقمۇ ئاۋازنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ئاي شارىنىڭ تىمتاس، قاقاس بىر دۇنيا ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، بىر - بىرىگە قاراپ ئۈنلۈك ئاۋازدا ۋارقىراپ - جارقىراشقان بولسىمۇ، ئازراقمۇ ئاۋاز ئاڭلانمىغان. ئەسلىدە ئاي شارىدا ھاۋا يوق بولغاچقا، ئاۋازنىڭ تارقىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەقەت سىمسىز رادىئو ئارقىلىقلا بىر - بىرى بىلەن سۆزلىشەلەيدۇ. بەزىدە ئۇلار بېشىنى بىر - بىرىنىڭكىگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، باش كىيىمى ئارقىلىق ئاۋاز يەتكۈزۈپ، بىر - بىرى بىلەن سۆزلىشىدۇ. ئاي شارىنىڭ جۇغى كىچىك، ماسسىسىمۇ يەر شارى ماسسىسىنىڭ 18 دىن بىرىگە يەتمەيدۇ. شۇڭا ئاي شارىنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى جىسىملارنى تارتىش كۈچىمۇ يەر شارىنىڭكىدىن كۆپ كىچىك بولۇپ، ئارانلا يەر شارىنىڭكىنىڭ ئالتىدىن بىرىچىلىك كېلىدۇ. ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى ھەرىكەتچان ھاۋا مولېكۇلىلىرىنى تۇتۇپ قېلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، ئۇزۇن يىللار داۋامىدا قېچىش ئارقىلىق، ئاي شارىدا ئاخىرىغا كېلىپ ئاتموسفېرا يوق دېيەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ يەردە ئاۋاز يوق بولۇپلا قالماي، يەنە شامال، يامغۇر قاتارلىق ھاۋا رايى ھادىسىلىرىمۇ يوق. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئاي شارىدا قالدۇرغان ئاياغ ئىزلىرى بىر قانچە مىليون يىللارغىچە ساقلىنىپ تۇرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئاي شارىدا ئازراقمۇ ئاۋاز يوق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki