نېمە ئۈچۈن يەر كۆپ ھاللاردا كېچىسى تەۋرەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يەر كۆپ ھاللاردا كېچىسى تەۋرەيدۇ. كەچ كىرىپ جاھان تىنچىپ، كىشىلەر قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندە، يەر تۇيۇقسىز تەۋرەپ، ئىنسانلارغا ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ئازاب ۋە زىيانلارنى سالىدۇ. شۇڭا كىشىلەر نېمە ئۈچۈن يەر كۆپ ھاللاردا كېچىسى تەۋرەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە بەكمۇ قىزىقىدۇ.
ھەممىگە مەلۇم ئاي شارىمۇ يەر شارىغا ئوخشاشلا تارتىش كۈچىگە ئىگە. بۇنداق تارتىش كۈچى دېڭىز - ئوكيانلاردا دولقۇن پەيدا قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەر پوستىدىمۇ ئوخشاشلا <دولقۇن> سىمان ھەرىكەتنى پەيدا قىلىدۇ.
مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يەر پوستىدىمۇ ھەرىكەت پەيدا بولىدۇ. مۇبادا نازۇك ئەسۋابلار بىلەن ئۆلچىگەندە، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تۈپەيلىدىن، قاتتىق جىسىمدىن تۈزۈلگەن يەر پوستىنىڭ ئچىكى قىسمىدا تەخمىنەن 0.5 مېتىر ئامپلىتۇدىلىق تەۋرەشنىڭ بولىدىغانلىقىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.
يەر تەۋرەش يەر شارى ئىچكى قىسمىنىڭ ھەرىكەت نەتىجىسى. مەلۇم جايدا يەر تەۋرەش شارائىتى ھازىرلىنىپ، يىغىندى كۈچ ئېتىلىپ چىقىش ئالدىدا تۇرغاندا ئەگەر بىر خىل قوشۇمچە كۈچ پەيدا بولسا (مەسىلەن، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى پەيدا قىلغان <قاتتىق جىسىم دولقۇنى> كۆرۈلسە)، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قالغان يەر تەۋرەش ئېنېرگىيىسى بىراقلا ئېتىلىپ چىقىدۇ - دە، يەر تەۋرەيدۇ. ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى پەيدا قىلىدىغان <دولقۇن> كۆپ ھاللاردا كېچىسى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا يەر كۆپ ھاللاردا كېچىسى تەۋرەيدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا يەر دائىم قەمەرىيە يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ياكى 15 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە تەۋرەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئالىملارنىڭ قارىشىچە، قەمەرىيە يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى ياكى 15 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە، ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئەڭ زور بولىدىغان ۋاقىت ئىكەن. شۇڭا بۇ كۈنلەردە يەر تەۋرەشنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ ئەڭ چوڭ بولىدىكەن.