UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسبمىيىنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسبمىيىنىڭ سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى سېپتىتسېمىيە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللەر ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىلى. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچى ئاجىز، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ھەمدە ئاسان كېڭىيىپ، سېپتىتسېمىيىنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەرخىل باكتېرىيىلەر ھەممىسى دېگۈدەك سىپپىتسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ كۆرۈلىدىغىنى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيە، زەنجىرسىمان شار باكتېرىيە، ئۆپكە ياللۇغى شار باكتېرىيىسى، يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن رەڭ ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغىنى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئاساسلىق يۇقۇش يولى تېرە ۋە شىللىق پەردە. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ۋە شىللىق پەردىلىرى نېپىز، يۇمشاق، ئاسانلا بۇزۇلۇشتىن قوغدىنىش رولىنى يوقىتىپ، باكتېرىيىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ قالىدۇ. بالىياتقۇدا يۇقۇملىنىش پۇرسىتى كۆپ كۆرۈلمەيدۇ. تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىش بىر ئاز كۆپ كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كىندىكى باكتېرىيىنىڭ كىرىش ئېغىزى بولۇپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلمىغاندا ئاسان يۇقۇملىنىدۇ. يېنىكلىرىدە يەرلىك ئورۇندا ئاجراتمىلار بولۇپ، شىرىلىك سۇيۇقلۇق ياكى قانلىق خاراكتېرىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىرلىرىدا يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسى قىزىرىدۇ، يىرىڭلىق ئاجراتما بولغانلىرى كىندىك ياللۇغى دېيىلىپ، سىپپىتىسېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىمۇ ھەزىم يولى ياكى نەپەس يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىپ سېپتىتېمىيىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە