UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان <ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ماددا> نىڭ نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان <ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ماددا> نىڭ نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ ئوزۇقلۇق ماددا قوبۇل قىلىپ تېز سۈرئەتتە يېتىلىشىدىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يەنە ئىلمىي، مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۈچى ئوتتۇرىسىدىكى نىسبەت مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش كېرەك. نىسبەت تەڭشەشنىڭ كونكرېت ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە: 1. كاربون - سۇ بىرىكمىسى ئومۇمىي ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 60%~50% ىنى ئىگىلەيدۇ. كاربون - سۇ بىرىكمىسى ئاساسلىقى گۈرۈچ، ئۇن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن دانلىق زىرائەت قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ. ② ياغ ئومۇمىي ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 35%~30% ىنى ئىگىلەيدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ - يېتىلىشى ياغ ۋە خولېستېرىنغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئۇلار ئېنېرگىيىنىڭ ئەڭ چوڭ كېلىش مەنبەسى بولۇپلا قالماي يەنە بوۋاقلار نېرۋا سىستېمىسى يېتىلىشىنىڭ ئېھتىياجى. مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن (ۋىتامىن A, D, E, K) نىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئورۇق گۆش، بېلىق، تۇخۇم، ئۆسۈملۈك مېيىدىن كەلگەن ياغ ياخشىراق بولىدۇ. ③ ئاقسىل ئومۇمىي ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ 15%~12% ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاقسىل توقۇلمىسىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاساسلىقى ئورۇق گۆش، بېلىق، راك، تۇخۇم، سۈت مەھسۇلاتلىرى، پۇرچاق تىپىدىكىلەر، مېغىز قاتارلىقلاردىن كېلىدۇ. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ئاقسىلغا ئېرىشىش ئۈچۈن بوۋاققا يېمەكلىكنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇپ بېرىش، يەنى پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بىلەن دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەرنى ياكى سۈت مەھسۇتلىرى بىلەن دانلىق زىرائەت تۈرىدىكىلەرنى بىرگە يېگۈزۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
بوۋاقلارنىڭ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان <ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ماددا> نىڭ نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki