ئىككى ئايلىق بوۋاقنىڭ بېقىلىشىدا قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئىككى ئايلىق بوۋاقلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئانا سۈتىدە بېقىش، ھەر قېتىملىق سۈت ئېمىتىش ئارىلىقىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش، ئادەتتە ھەر تۆت سائەت ئەتراپىدا بىر قېتىم، ھەر كۈنى بەش - ئالتە قېتىم ئېمىتىش، ھەر قېتىملىق ئېمىتىش ۋاقتىنى 10 ~ 15 مىنۇتتا كونترول قىلىش، بوۋاقنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاشتى دەپ قاراپ بىردەم - بىردەم يەيدىغان يامان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ئانا سۈتى يېتىشمەسلىكتىن ئارىلاشما بېقىش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئەڭ ياخشىسى ئەتىگەن، چۈش، كەچ ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ھەم كېچىدە بوۋاققا ئانا سۈتىنى ئېمىتىش كېرەك. تەييارلانغان سۈت پاراشوكى بىلەن سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ ۋاقىتتا ئېھتىياجلىق بولغان سۈت مىقدارى بەلكىم يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە ئېشىشى مۇمكىن. لېكىن ھەر قېتىم بېرىلىدىغان سۈتنىڭ مىقدارى 200 مىللىلىتىر ئىچىدە كونترول قىلىنىشى، كالا سۈتى بىلەن سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا نىسبەتەن، بۇ ۋاقىتتا ھەر كۈنلۈك ئومۇمىي سۈت مىقدارى 800 مىللىلىتىردىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئىككى ئايلىق بوۋاقلارغا داۋاملىق تۈردە مېۋە شەربىتى ۋە كۆكتات شەربىتىنى قوشۇپ بېرىش، ھەر قېتىمدا 20 ~ 30 مىللىلىتىر، تەخمىنەن تۆت ~ ئالتە قوشۇق، ھەر كۈنى بىر ~ ئىككى قېتىم بېرىش بىلەن بىللە قويۇقلۇق دەرىجىسىنى مۇۋاپىق ئۆرلىتىش، شۇنداقلا يەنە بېلىق جىگىرى مېيىنى قوشۇپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر كۈنى قويۇقلاندۇرۇلغان بېلىق جىگىرى مېيىدىن ئىككى تامچىنى ئەتىگەن - كەچكە بۆلۈپ، ھەر قېتىمدا بىر تامچىدىن بېرىش كېرەك.