ئاق توشقاننىڭ كۆزى نېمە ئۈچۈن قىزىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بىزگە مەلۇمكى، توشقاننىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى تۈكلەر ئاپئاق بولغىنى بىلەن، كۆزى قىزىل. ئەمەلىيەتتە ئۆي توشقانلىرىنىڭ تۈكى ھەر خىل رەڭدە بولغىنىدەك، كۆزىنىڭ رەڭگىمۇ ھەر خىل بولىدۇ، ئادەتتە، توشقاننىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى بىلەن تېرىسىنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولىدۇ. مەسىلەن، كۈل رەڭ توشقاننىڭ كۆزى كۈل رەڭ بولىدۇ.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن ئاق توشقاننىڭ كۆزى قىزىل بولىدۇ؟
ئاق توشقاننىڭ بەدىنىدە گېماتوخروما بارمۇ - يە؟ ئۇنداق ئەمەس. ئاق توشقانلار ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، پېگمېنتسىز نەسلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تۈكى ئاق، كۆز گۆھىرى ئەسلىدىنلا رەڭسىز بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ كۆزىدە نۇرغۇن كاپىللىيار تومۇرلار بولغاچقا، بۇ تومۇرلاردا قىزىل قان ئېقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىزگە كۆرۈنگەن «قىزىل كۆز» ئەمەلىيەتتە ئاق توشقاننىڭ كۆزىدىكى كاپىللىيار تومۇرلاردا ئېقىۋاتقان قاننىڭ رەڭگىدىن ئىبارەت بولۇپ، كۆزس گۆھىرىنىڭ ئەسلىي رەڭگى ئەمەس.
قىزىقارلىقى شۇكى، ئاق توشقاننىڭ كۆزلىرى چاقناپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ كۆرۈش تور پەردىسىدە بىر پارچە قايتۇرغۇچ تاختا بولۇپ، نۇرنى كۆزىنىڭ تەكتىدىن قايتۇرىدۇ.
توشقاننىڭ ئالدى پۇتى قىسقا، ئارقا پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا، يول يۈرگەندە، قەدەملىرىنى تەبىئىي ئالالماي، ناھايىتى كۈچەپ كېتىدۇ. شۇڭا مەيلى خەتەرلىك پەيتتە بولسۇن، ياكى بىخەتەر چاغدا بولسۇن، ئۇلار ھەمىشە ئويناقشىپلا يۈرىدۇ.