يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۆگە تاپانمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بەزى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئاتا - ئانىسى ئۇلارنىڭ تاپىنىنىڭ ئىنتايىن تەكشى ياكى ياينىڭ ئىنتايىن كىچىكلىكىگە قاراپ ئۇلارنى تۆگە تاپان دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ بىر نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئەھۋال، بوۋاق ئەمدىلا تۇغۇلغانلىقتىن، پۇت قىسمىنىڭ سۆڭەك ۋە مۇسكۇل، پەيلىرى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن ياي شەكلىنى شەكىللەندۈرەلمىگەن. بوۋاقلارنىڭ پۇت يايى تۆت ياشلاردىن ئالتە ياشلارغىچە ئەتراپىدا ئاندىن تولۇق يېتىلىپ، چوڭلارنىڭكىدەك روشەن بولغان پۇت يايى شەكىللىنىدۇ. ئەكسىچە، بوۋاقلارنىڭ پۇت يايى بەك چوڭ بولسا، نېرۋا ياكى مۇسكۇلنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە بارلىقىنى، تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش لازىملىقىنى كۆرسىتىدۇ.