UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلغاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەدەن ئېغىرلىقى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ھەم بالىلار تېنىنىڭ ساغلام يېتىلىشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئائىلىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشتە تۆۋەندىكىدەك ئاددىي ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا بولىدۇ: 1. كىرلىك بىلەن بالىنى چىڭ يۆگەپ، ئاندىن دەستىلىك جىڭ بىلەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ، ئاخىرىدا ئومۇمىي ئېغىرلىقتىن يۆگەك ھەم بارلىق كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. 2. ئائىلە باشلىقى بالىنى كۆتۈرۈپ تارازىدا ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ ئاندىن ئومۇمىي ئېغىرلىقتىن چوڭلارنىڭ ھەم بالىنىڭ كىيىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى چىقىرىۋەتسەك بولىدۇ. 3. بوۋاقنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن بىۋاسىتە تارازىغا سېلىپ ئۆلچىسىمۇ بولىدۇ. ھەر قېتىم بوۋاقنى ئۆلچىگەندە ئېرىشكەن بەدەن ئېغىرلىقىنى ۋاقتىدا خاتىرىلەپ، پايدىلانغان ئېغىرلىق ئۆلچىمىگە يەتكەن - يەتمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە، يەنە بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە