بالا ئىمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ ئامالسىز تاماكا چېكىشنىڭ قانداق ناچار تەرەپلىرى بار؟
نېمە ئۈچۈن
ئانا تاماكا چەكسە، بالىمۇ ئامالسىز تاماكا چەككەنلەر قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى بالىنىڭ ئەڭ كۆپ ۋاقتى ئانا بىلەن بولىدۇ، ئامالسىز تاماكا چېكىش — تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ ھەر ھەپتىدە ئەڭ ئاز دېگەندە بىر كۈندە سۈمۈرگەن تاماكا 15 مىنۇتقا يېتىشىنى ياكى ئېشىپ كېتىشىنى كۆرسىتىدۇ. ئامالسىز تاماكا چەككەنلەرنىڭ خەتەرلىك نىسبىتى ئاكتىپ تاماكا چەككەنلەردىن ئېشىپ كېتىدۇ، تاماكا ئىسىدىكى زىيانلىق ماددىلار تاماكا چەككەنلەر سۈمۈرگەندىكى نىكوتىندىن ئىككى ھەسسە، كوكس ئۈچ ھەسسە، كاربون چالا ئوكسىد بەش ھەسسە، راكنى قوزغايدىغان ماددىلار 50 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، ئامالسىز تاماكا چەككەن بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، بالىنىڭ نەپەس يولى يۇقۇملىنىشى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئامالسىز تاماكا چەككەن بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىن ئامالسىز تاماكا چەكمىگەنلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ