UyghurWiki›نەمە›نېمە ئۈچۈن ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىلا يوقىتىپ، زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىلا يوقىتىپ، زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى بىر خىل خىمىيىلىك دورا بولۇپ، خۇددى بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى باردەك، ئېتىزلاردا ئوت - چۆپ يولۇققاندا، زىرائەتلەرگە زىيان يەتكۈزمەي ياۋا ئوت - چۆپلەرنىلا ئۆلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە سىرى بار:
بىرىچنى، بەزى زىرائەتلەرنىڭ، مەسىلەن، شال، بۇغداي قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرمىقى تار،تىك ئۆسكەن بولۇپ، يۈزىدە بىر قەدەر قېلىن، موم ۋە مۈڭگۈز ماددىسى قەۋىتى بولىدۇ؛ ئۆسۈش نۇقتىلىرى يوپۇرماقلار بىلەن ئورالغان بولۇپ، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى چېچىلغاندا، دورا سۇيۇقلۇقى بۇ زىرائەتلەرنىڭ يوپۇرماقلىرىغا ئاسانلىقچە، يۇقمايدۇ، شۇنداقلا زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش نۇقتىلىرىنىمۇ زەخىملەندۈرلمەيدۇ. لېكىن، ياۋا ئوت - چۆپلەر، مەسىلەن، لويلا، قامچىگۈل قاتارلىقلارنىڭ يوپۇرماقلىرى كەڭ، تەكشى يېيىلغان، ئۆسۈش نۇقتىلىرى ئوچۇق بولغاچقا ئاسانلا دورا سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆلىدۇ.
ئىككىچى، بەزى ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىلىرىنىڭ تۇپراقتىكى ۋېرتىكال سىلجىشچانلىقى ناھايىتى ناچار بولۇپ، ئۈستۈنكى توپا قەۋىتىدىكى ياۋا ئوت - چۆپلەرنى ئۆلتۈرەلەيدۇ، لېكىن تۇپراقنىڭ چوڭقۇر قەۋىتىدىكى زىرائەت ئۇرۇقلىرىغا تەسىر قىلالمايدۇ؛ بەزى ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىلىرى، مەسىلەن، گىلىفوزات، پاراچۇئات قاتارلىقلار ئادەتتە تۇپراققا چۈشكەندىن كېيىنلا دورىلىق ئۈنۈمىنى يوقىتىدۇ. دېمەك، مانا شۇنداق زىرائەت بىلەن ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش نۇقتىلىرىنىڭ ئورۇن پەرقى ۋە ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ ياۋا ئوت - چۆپلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.
ئۈچىنچى، ئادەتتە جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى - خلوروكسونغا ناھايىتى سەزگۈر بولۇپ، ئۇنى ئوڭايلا سۈمۈرۈۋالىدۇ ھەمدە تېنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىغا ئۆتكۈزىدۇ؛ بىراق تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ خلوروكسونغا بولغان ئىنكاسى بىر قەدەر كېيىن بولۇپ، دورىغا قارىتا بەلگىلىك تاقابىلچانلىققا ئىگە. شۇڭا، شال، بۇغداي ئېتىزلىرىغا خلوروكسون چېچىلسا زىرائەتلەرگە زىيان يەتمەيدۇ، لېكىن ئۇ قوش پەللىلىك ياۋا ئوت چۆپلەرنىڭ قاتىلى.
تۆتىنچى، بەزى زىرائەتلەرنىڭ، مەسىلەن، شالنىڭ تېنىدە پولىئامىدنىڭ خېلى كۆپ دەرىجخدە ئاتسىد ئامىدنىڭ گىدرولىزلانغان فېرمېنتلىرى بولۇپ، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىسى دروپانىلنىڭ پارچىلاش ئۈنۈمىنى يوقىتالايدۇ، ئەمما كۈرمەك ئوتنىڭ تېنىدە بۇ خىل فېرمېنت كەمچىل بولغاچقا، ئاسانلا دروپانىلنى سۈمۈرۈۋېلىپ، ھەمىشە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. شۇڭا، شال ئېتىزلىرىغا دروپانىل چاچقاندا كۈرمەك ئوتلارنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ، لېكىن ئۇ شالغا زىيان يەتكۈزمەيدۇ.