UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئالەم بوشلۇقى ئۆسۈملۈكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۆستۈرۈلەمدۇ؟

ئالەم بوشلۇقى ئۆسۈملۈكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۆستۈرۈلەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئالەم بوشلۇقى ئۆسۈملۈكلىرى گەرچە ئالەم بوشلۇقىدا ئۆستۈرۈلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئادەتتىكىگە ئوخشاشمايدىغان ئالەم بوشلۇقى كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ. ئالىملار بەزى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇرۇقىنى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئالەم كېمىسىگە سېلىپ قويىدۇ، ئۇلار ئالەم بوشلۇقىنى ئايلانغاندىن كېيىن يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ. ئالەم بوشلۇقىدا <تاۋلىنىش> تىن ئۆتكەن بۇ ئۇرۇقلار يەر يۈزىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سورت يېتىشتۈرۈش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئۆستۈرۈشى ۋە پەرۋىش قىلىشى ئارقىسىدا، ئۇلارنىڭ <ئىقتىدارى> زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، بەزىلىرى ئاجايىپ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولسا، بەزىلىرى يۇقىرى ھوسۇللۇق، بالدۇر پىشىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولىدۇ. بەزىلىرىنىڭ تەمى ئالاھىدە مەززىلىك بولىدۇ، ۋەھاكازالار، ئىلگىرى ئالىملار ئەنئەنىۋى تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ بىر يېڭى سورت يېتىشتۈرمەكچى بولسا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئون نەچچە يىل ۋاقىت كېتەتتى ھەتتا ئۆمۈر بويى زېھنىنى سەرپ قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئۆزگىچە ئالەم بوشلۇقى مۇھىتىدىن پايدىلانغاندا بولسا سورت يېتىشتۈرۈش جەريانىنى زور دەرىجىدە قىسقارتقىلى بولىدۇ. ئېلىمىز ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىلا ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش سىنقىنى باشلاپ، بۇغداي، شال، شوخلا، مۇچ، تەرخەمەك قاتارلىق ئون نەچچە خىل سورتنىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۆسۈملۈكىگە ئېرىشكەنىدى، بۇلار ئېلىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىدا ماكانلاشتى. كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلۈشكە باشلىغان ئالەم بوشلۇقى تەرخەمىكىنىڭ مەھسۇلاتى ئادەتتىكى تەرخەمەكنىڭكىدىن 20% ئەتراپىدا يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەمى ياخشى، كېسەلگە قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك. ئېلىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئالەم بوشلۇقىدا سورت يېتىشتۈرۈش قەدىمىمۇ زور دەرىجىدە تېزلىشىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە يىل ئىچىدە، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدە ئالەم بوشلۇقى مۇچى، ئالەم بوشلۇقى شوخلىسى، ئالەم بوشلۇقى تەرخەمىكى قاتارلىق كۆكتاتلار بارلىققا كېلىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئالەم بوشلۇقى ئۆسۈملۈكى ئالەم بوشلۇقىدا ئۆستۈرۈلەمدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki