UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئانا قېنىنى تاسقاپ دوۋن سندرومىنى تەكشۈرۈشدېگەن نېمە؟

ئانا قېنىنى تاسقاپ دوۋن سندرومىنى تەكشۈرۈشدېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، مېدىستىنا ئالىملىرى ئارقا - ئارقىدىن دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ ھامىلىدار بولۇش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ قېنىدا <∝ - فېتوپروتىن> قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ھامىلىدار بولغىنىغا ئوخشاش ھەپتە بولغان باشقا ئاياللارنىڭ قېنىدىكى مىقدارىدىن ئىنتايىن ئاز ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە <B تىپلىق بەدەندىكى تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى> نىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىدى. شۇڭا بىر خىل فورمۇلانى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھامىلىنىڭ ھەپتە سانى (ئەڭ ياخشىسى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى تەكشۈرۈپ چىققان ھامىلىدار بولغان ھەپتە سانى) غا، ئانىنىڭ يېشى، ئېغىرلىقىغا ئاساسەن ئانا قېنىدىن قالغان نەرسىلەرنى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن ئىككى خىل ماددىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ، دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى ۋە خەتەرلىك نىسبىتىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر نىسبىتى 1/270سان قانچە كىچىك بولسا، شۇنچىكى خەتەرلىك بولىدۇ( مەسىلەن، 1/200 قاتارلىقلار بولسا ھامىلىنىڭ دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى ھەم خەتەرنىڭمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇر ھامىلىدار ئاياللارغا <باش سۈيىنى تېشىش ئوپېراتسىيىسى> قىلىپ، دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان - بولمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش تەكلىپىنى بېرىدۇ. نۆۋەتتە، قان ئالغان كۈنى ئاساسلىقى ھامىلىدار بولۇپ 15 ھەپتىدىن 20 ھەپتىگىچە بولغان جەريان بولۇپ، كېيىن 20 ھەپتە بولغان ۋاقىتتىن بۇرۇن بولىدىغان بولدى. بۇ خىل تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ ھامىلىگە باشقا تەسىرى بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە