UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئىچى سۈرگەندە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچكۈزسەبولامدۇ؟

ئىچى سۈرگەندە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچكۈزسەبولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى ئاتا - ئانىلار بواقنىڭ ئىچى سۈرگىنىنى كۆرگەن ھامان دەرھاللا ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچكۈزىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىچى سۈرۈشنى باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن سىرت، يەنە ۋىرۇس ياكى زەمبۇرۇغ قاتارلىق مىكرو ئورگانىزملار كەلتۈرۈپ چىقىرىشىمۇ مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بالىلاردىكى ئىچ سۈرۈشنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ياكى يېمەك - ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. مەسىلەن: كۈزلۈك ئىچى سۈرۈشنى چاقسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ تۈردىكى ئىچى سۈرۈشكە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچكۈزگەندىن كېيىن ئۈنۈمى بولمايلا قالماستىن يەنە ئۈچەيدىكى باكتېرىيە توپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، تېخىمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزى ئانتىبىئوتىكلار ھەتتا بوۋاققا خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا ئىچى سۈرگەندە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ دوختۇرغا تەكشۈرۈش، خالىغانچە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
ئىچى سۈرگەندە ئانتىبىئوتىك دورىلارنى ئىچكۈزسەبولامدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki