ئايلىق بالىلارنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى قايسى خىل سەۋىيىدە بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ىر يېرىم ياشلىق بالىلارئۆزى مۇستەقىل ماڭالايدىغان ئويۇنچۇقلارنى يېتىلەپ مېڭىشقا ئامراق بولىدۇ. توسالغۇلاردىن ئايلىنىپ ئۆتەلەيدۇ، مېڭىش جەريانىدا يۈگرەشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا يىقىلىپ چۈشىدۇ، بىراق ئۆزلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ، بالىلار رىشاتكىنى تۇتۇپ، ئۆزلىرى مۇستەقىل ھالدا بىر پەلەمپەيدىن، بىر پەلەمپەيدىن پەلەمپەيگە چىقالايدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. نەپىس ھەرىكەتلەردە، بالىلار ئىستاكان بىلەن سۇ ئىچەلەيدۇ، قوشۇق بىلەن خېلى ياخشى ھالەتتە تاماق يېيەلەيدۇ ھەم ئۆزى مۇستەقىل تاماق يېيىشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار كۈندۈزى كىچىك تەرىتىنى كونترول قىلالايدۇ، ئەگەر تاسادىپىي كىچىك تەرەت قىلىپ قويسا، ئاتا - ئانىلىرىغا بىلدۈرەلەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋاقىتتا بالىلار توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ، يېڭى نەرسىلەرنى ئىزدەپلا يۈرگەچكە، كۈچلۈك <كۆزىتىش روھى> بولىدۇ.