UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكومپيۇتېر نېمە ئۈچۈن <ئېلېكترونلۇق مېڭە> دەپ ئاتىلىدۇ؟

كومپيۇتېر نېمە ئۈچۈن <ئېلېكترونلۇق مېڭە> دەپ ئاتىلىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن جايلاردا كومپيۇتېرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ: ماگزىن، بانكىلاردا كومپيۇتېر خېرىدارلارغا ھېسابات قىلىپ بېرىدۇ؛ كۈتۈپخانىلاردا كىتابخانلارغا ماتېرىيال ئىزدەپ بېرىدۇ؛ دوختۇرخانىلاردا كومپيۇتېر ئورنىتىلغان CT ئاپپاراتى بىمارلارنىڭ تېنىنى تەكشۈرىدۇ... قىسقىسى، كومپيۇتېر بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان ياراملىق ياردەمچىمىزگە ئايلاندى. كومپيۇتېر بىلەن ئادەم مېڭىسى نۇرغۇن ئوخشاشماسلىققا ئىگە. مەسىلەن، ئادەم مېڭىسى ئەستە قالدۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە، كومپيۇتېرمۇ ئاۋاز، يېزىق، سۈرەت ۋە ھەر خىل ساۋاتلارنى <ئەستە قالدۇرالايدۇ> ھەمدە ئۇلارنى ساقلاپ قالالايدۇ: ئادەم مېڭىسى تەپەككۇر قىلالايدۇ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، كومپيۇتېرمۇ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىا ئىگە بولۇپ، ھۆكۈم قىلالايدۇ، خۇلاسە چىقىرالايدۇ، يەنى تېخى ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىنىپ توپلىيالايدۇ؛ ئادەم مېڭىسى ھېساب ئىشلىيەلەيدۇ. كومپيوتېر ھەر خىل مۇرەككەپ ھېسابلارنى ئىنتايىن تېز سۈرئەتتە ھېسابلاپ چىقالايدۇ. كومپيۇتېرغا ئادەم مېڭىسىنىڭ نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى مۇجەسسەملەنگەن. ئۇ ئادەم مېڭىسىنىڭ ئونىدا بەزى خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ، شۇڭا ئۇنى ئادەم مېڭىسى فۇنكىسىيىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى دېيىشكە بولىدۇ. سانلىق مەلۇماتلارنى ستاتىستىكا قىلىش، ھۆججەت - ئارخىپلارنى رەتلەش قاتارلىق كۈندىلىك خىزمەتلەرنى كومپيۇتېر ئادەم مېڭىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ تەرتىپلىك، توغرا ئورۇندىيالايدۇ. ئادەم يېمەكلىك ئارقىلىق ھاياتىنى ساقلايدۇ. كومپيۇتېر بولسا ئېلېكتر (توك) ئارقىلىق خزمەت قىلىدۇ. شۇڭا، بەزى دۆلەت ۋە رايونلاردا، كىشىلەر كومپيۇتېرنى <ئېلېكترونلۇق مېڭە> مىكرو كومپيۇتېرنى <مىكرو ئېلېكترونلۇق مېڭە> دەپ ئاتايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە