يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇشنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى تۇنجۇقۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئاۋۋال ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانا ئېمكانقەدەر يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش، قەرەللىك تۈردە تۇغۇتتىن ئىلگىرى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش، ئېغىر خەۋپلىك ھامىلىدارلىق مەسىلەن: ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالا ھەمراھى، بالا ھەمراھى بالدۇر چۈشۈش، ھامىلىدارلىق يۇقىرى قان بېسىمى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش؛ ئاندىن ئانا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى سالامەتلىكىنى ساقلاش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەش، ئېمكانقەدەر بالدۇر تۇغۇش ھەم يۇقىرى ئورۇنلۇق تۇغۇت قىسقۇچى، ساغرا ئالدىن كەلگەن ھامىلە، ھامىلە بېشىنى شوراپ تارتىش قاتارلىق تۇغۇت ئوپېراتسىيىسىدىن ساقلىنىش؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ئېغىر خەۋپلىك ھامىلىدارلىق كۆرۈلگۈچىلەر دوختۇرخانىغا بېرىپ ھامىلە يۈرىكىنى قوغداش ئېلىپ بېرىش، ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدىكى قىيىن ئەھۋالىنى بالدۇر بايقاش ھەم ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئاسانلىق تۇغدۇرۇش؛ ئاخىرىدا ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ئېغىز، بۇرۇن يۇتقۇنچاقتىكى ئاجرالمىلارنى سىقىپ ياكى سۈمۈرۈپ چىقىرىۋېتىش ھەمدە ئالدىنئالا غەيرىي ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە نىسبەتەن چارە - تەدبىرلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.