ئانا سۈتى ئەمگەن بالا ئەقىللىق بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
كىم ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ ئەقىللىق بولۇشىنى، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەربىر باسقۇچىدا باشقا بالىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرۇشىنى خالىمايدۇ؟ ھازىرقى زامان ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەييار سۈت بىلەن بېقىلغان بالىلارنىڭكىگە قارىغاندا يەتتە ئۈلۈشتىن 10 ئۈلۈشكىچە يۇقىرى تۇرىدىكەن. مانا بۇ بالىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدە چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىگە پايدىلىق ماددىلار بار، DHA دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياغ كىسلاتاسى بولۇپ، ئۇ ۋە باشقا بىر قىسىم ياغلار يىلىك فوسفاتىدقا (چوڭ مېڭىگە ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان ماددا) ئېھتىياجلىق بولغان ماددىلارنى تەمىنلەپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مول بولغان خولېستېرىن چوڭ مېڭىنىڭ يېتىلىشى ۋە ھورمۇنلاردىكى ۋىتامىن D قاتارلىقلارنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسىي تەركىبىي قىسىم، ئانا سۈتىدىكى سۈت شېكىرى ئاجرىتىلغاندىن كېيىن پەيدا بولغان يېرىم سۈت شېكىرى مېڭە گۇرۇپپىلىرىنىڭ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ بىرى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئانا سۈتى بىلەن باققاندا ئانا - بالا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت يېقىنلىشىدۇ. ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ، ئانىنىڭ بالىغا بولغان چەكسىز كۆيۈنۈشى بىۋاسىتە ئانا سۈتىنىڭ سۈپىتىگە شۇنداقلا بىۋاسىتە بوۋاقنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.