UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتە قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

ئايلىق بولغان بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ئادەتتە قانچىلىك سەۋىيىدە بولسا بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بۇ ۋاقىتتا بالا دادا، ئاپا دەپ چاقىرىشتىن باشقا، يەنە بوۋا، موما، ھامما دېگەندەك دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئائىلە ئەزالىرىنى چاقىرالايدۇ. چوڭلارنىڭ ئاددىي سۆزلىرىنى چۈشىنەلەيدۇ شۇنداقلا بىر قىسىم ئاددىي ھەرىكەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرالايدۇ. مەسىلەن: <بالام، قورسىقىڭىز ئاچتىمۇ؟> دەپ سورىغاندا، ئۇ بېشىنى لىڭشىتىدۇ ۋە ياكى چايقايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى خېلىلا تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۆزى ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ۋە دائىم بىللە ئوينىغان دوستلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتۇۋالالايدۇ. بالىلار يەنە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى قىلالايدۇ. مەسىلەن: ئايىغىنى سالالايدۇ، ئۆزىنىڭ قويغان نەرسىلىرىنى تاپالايدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىلار كىتاب ۋە رەسىملەرنى كۆرگەندە ناھايىتى كۈچلۈك قىزىقىش ۋە ئىزدىنىش ئىچىدە كۆرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە