UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە سەۋەبتىن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولىدۇ؟

نېمە سەۋەبتىن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا بولۇپ قېلىشى بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش دېيىلىدۇ، كۆپلىگەن بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولغانلارنىڭ تۇخۇم نەيچىسىدە ھامىلە پەيدا بولىدۇ، بۇ ئورۇن ھامىلىدار بولۇشقا مۇناسىپ بولمىغانلىقتىن، ناھايىتى ئوڭايلا بويىدىن ئاجرايدۇ ياكى تۇخۇم نەيچىسى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. تۇخۇم نەيچىسىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشى نىسبەتەن ئېغىر ئەھۋال بولغانلىقتىن قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تۇخۇم نەيچىسىدە ھامىلىدار بولۇش كۆپىنچىسى بالىياتقۇ پەردە ياللۇغى ۋە تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بولغان ياكى سۈنئىي ھالدا ئالدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم نەيچىسى ياللۇغى بولغان ئاياللاردا دائىم كۆرۈلىدۇ. ئىلگىرى بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولمىغان ئاياللار تۇنجى قېتىم ھامىلىدار بولغان مەزگىلدە ئادەتتە بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلمەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە