UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكەبولىدۇ؟

ئايلىق بوۋاقلارغا قانداق قوشۇمچە يېمەكـلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكەبولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئايلىق بوۋاقلارغا تۆۋەندىكىدەك قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاپ بېرىشكە بولىدۇ: 1. شىرنىلىك تۇخۇم ئۇيۇتمىسى. توخۇ تۇخۇمىدىن بىرنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق سۇ ۋە تۇز بىلەن تەڭشەپ، دۈملەپ پىشۇرىمىز. ئىككى - ئۈچ دانە تازىلانغان يېڭى راكنى پاكىز يۇيۇۋېتىپ چاناپ قىيما قىلىپ، قازانغا مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن راك قىيمىسى، كۆكتات قىيمىسى ۋە ئازراق تۇز سېلىپ پىشۇرغاندىن كېيىن كراخمال قوشۇپ تەڭشەپ ئارىلاشتۇرۇپ شىرنە ياسايمىز ئاندىن تەييارلاپ قويۇلغان كۆكتات شىرنىسىنى دۈملەنگەن تۇخۇم ئۇيۇتمىسى ئۈستىگە قۇيۇپ، بىر نەچچە تامچە كۈنجۈت يېغى قۇيۇۋەتسەك بولىدۇ. 2. پۇرچاق سۈتى تورتى. ئۇندىن سەككىز گرام، قوناق ئۇنىدىن ئالتە گرام، سېرىق پۇرچاق ئۇنىدىن ئىككى گرام، پۈتۈن ياغلىق ئۇندىن بەش گرام ئېلىپ ئۆزئارا ئارىلاشتۇرۇپ ئارىلاشما ئۇن تەييارلىۋالىمىز؛ بىر دانە تۇخۇمنى قاچىغا چېقىپ، ئازراق ئاق شېكەر بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرىمىز؛ ئارىلاشما ئۇننى تەييارلىغان تۇخۇم شىرنىسىگە تۆكۈش بىلەن بىللە ئىككىسى تەكشى ئارىلاشتۇرۇۋېلىپ، ئاندىن داكا يېيىتىلغان ياغاچ قاسقان ئۈستىگە تۆكۈپ ھەمدە ئۈستىگە كۈنجۈت قىيمىسىدىن تەكشى چېچىپ 15 ~ 20 مىنۇت دۈملىسەك بولىدۇ. 3. بېلىق گۆشى تائامى. بېلىق گۆشىدىن 50 گرام ئېلىپ پاكىز يۇيۇپ، چىنىگە سېلىپ ئازراق سوقۇلغان كاۋاۋىچىن، پىياز قىيمىسى، تۇز، ئاق شېكەر ۋە سېرىق ھاراق قوشۇپ، دۈملەپ پىشۇرغاندىن كېيىن بېلىق گۆشىنى ئېزىۋېتىمىز. قازانغا ئازراق ئۆسۈملۈك مېيى قۇيۇپ، ئېزىلگەن بېلىق گۆشىنى قازانغا سېلىش بىلەن بىللە توختىماي ئۆرۈپ قورۇپ ئالتۇن رەڭگە كىرگۈزۈۋېلىپ ھەمدە يۇمشاق ھالەتكە كەلتۈرسەك بولىدۇ. 12 ئايلىق بوۋاقلارغا تاماق ئورۇنلاشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى تاماق تىزىملىكىدىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ: 00:8 بولكا، تورت، كالا سۈتى ياكى پۇرچاق سۈتى. 00:12 گۈرۈچ تامىقى، توخۇ تۇخۇمى، گۆش تۈرىدىكىلەر، كۆكتات. 00:15 پېچىنە، موما پارچىسى ھەمدە مېۋە. 00:18 گۈرۈچ تامىقى، يۇمشاق گۆش، كۆكتات ھەمدە شورپا. 00:21 ئانا سۈتى. ھەرخىل كۆكتات، دۇفۇ قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى بارا - بارا كۆپەيتىلسە، بوۋاققا مۇۋاپىق مىقداردا قايناق سۇ ئىچكۈزۈپ تۇرسا بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق بوۋاقنىڭ ئىستاكان بىلەن قايناق سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە