ئالتە ئايلىق بوۋاقلارنىڭ قانداق قابىلىيىتى بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئالتە ئايلىق بوۋاقلار ئۆزى ئۆرۈلەلەيدۇ. ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا بەدەن قىياپىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. قولىنىڭ ھەرىكىتى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، نەرسىلەرنى توغرا تۇتالايدۇ، نەرسىلەرنى پۇلاڭشىتالايدۇ. ئۇلار ئولتۇرغاندىكى قىياپەتنى ساقلاپ تۇرالايدۇ ھەم كىشىلەرنى تونۇشقا باشلايدۇ. يات كىشىلەرنى كۆرگەندە قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ھەتتا يىغلايدۇ. بىراق يەنە تونۇش كىشىلەرنى تونۇمايدىغان بالىلارمۇ بولىدۇ.