UyghurWiki
UyghurWikiنەمەشىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى نېمە ئۈچۈن سوغۇققا شۇنچە چىداملىق؟

شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى نېمە ئۈچۈن سوغۇققا شۇنچە چىداملىق؟

نېمە ئۈچۈن شىمالىي قۇتۇپ يەر شارى بويىچە جەنۇبىي قۇتۇپتىن قالسىلا ئەڭ سوغۇق جاي بولۇپ، يىل بويى قار - مۇزغا قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيەگرادۇسقا يېتىدۇ. لېكىن ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون دەپ ئاتالغان بۇ شىمالىي قۇتۇپتا ھېچقانداق جانلىق يوقمۇ ئەمەس. شىمالىي قۇتۇپتىكى ھايۋانات پادىشاھى دەپ ئاتالغان شىمالي قۇتۇپ ئېيىقى بۇ يەرنىڭ دائىملىق ئەزاسىدۇر. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى يىل بويى ئاپئاق دۇنيادا ياشايدۇ. سوغۇق تۇرمۇش مۇھىتى ئۇنىڭدا سوغۇققا بەرداشلىق بېرىدىغان ناھايىتى كۈچلۈك ئىقتىدارنى يېتىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تۈكلىرى ئاق، قېلىن بولۇپ، مىكروسكوپتا قارىسا ئىنچىكە نەيچىلەرگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئاق تۈكلەرنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئىقتىدارى ياخشى بولۇپلا قالماي، بەلكى قۇياش نۇرىنىڭ 95 پىرسەنتىنى ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرالايدۇ. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى تۈكلەر ئىككى قات بولۇپ، سىرتىدىكى مايلىق بىر قەۋىتى قار - شىۋىرغاننىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، شۇنداقلا سۇ ئۈزگەن چاغدا دېڭىز سۈيىنىڭ بەدىنىگە كىرىپ كېتىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالالايدۇ. ئۇ سوغۇق جاندىن ئۆتكۈدەك دېڭىز سۈيىدە نەچچە يۈز مىڭ مېتىر ئۈزىسىمۇ بەدىنى ھۆل بولمايدۇ. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى يېيىشكە بەك ئامراق. ئۇ ئۇزاق مۇددەت دېڭىز يىلپىزى بىلەن دېڭىز پىلىنى ئوزۇقلۇق قىلغاچقا، بەدىنىگە نۇرغۇن ئىسسىقلىق يىغىلىپ، تېرىسى ئاستىدا ناھايىتى قېلىن بىر قەۋەت ماي شەكىللەنگەن. شىمالىي قۇتۇپ ئېيىقى ئەنە شۇ قېلىن تېرىسىگە ۋە تىمەن بەدىنىگە تاينىپ شىمالىي قۇتۇپتىكى قەھرىتان سوغۇققا گەپ يوق بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە