UyghurWiki
UyghurWikiنەمەسۇ ئىچىدە كۆزى يورۇش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟

سۇ ئىچىدە كۆزى يورۇش ئۇسۇلى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن سۇ ئىچىدە كۆزى يورۇش بولسا فرانسىيە دوختۇرى ئاۋدەن دوكتۇر قاتارلىقلار تەشەببۇس قىلغان تەبىئىي، ئاغرىتمايدىغان تۇغۇش ئۇسۇلى بولۇپ، 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا ياۋروپاغا ئومۇميۈزلۈك تارقالغان. سۇ ئىچىدە تۇغقاندا ئاۋۋال تۇغۇت ئۆيىگە بىر كىچىك سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قويۇپ، تېمپېراتۇرىسىنى ئازراق ئۆرلىتىپ، تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولغان ئىلمان سۇ (37℃ ئەتراپىدا) بىلەن تولدۇرۇپ، بەزىدە باش سۈيى بىلەن ئوخشاش نىسبەتتىكى تۇزنى قۇيۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ بالىياتقۇسى ئېچىلىپ بەش سانتىمېتىر بولغاندا، كالتە تولغاق باشلىنىپ كۈچەيگەندە سۇ ئىچىگە كىرسە، بالىياتقۇ ھەربىر تارايغاندا، بىر چوڭقۇر نەپەسلىنىپ، ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىدىغان قىياپەتكە كەلسە بولىدۇ. شۇنداق قىلغاندا، پۈتۈن بەدەن ئاسان بوشايدۇ، يەنە قان بېسىم ئۆرلەش ۋە ئاغرىشتىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى سۇ ئىچىدە ئادەم بەدىنى قوبۇل قىلىدىغان كۈچنىڭ تەسىرى ئازراق بولىدۇ، شۇنداقلا ئادەمنى جىددىيلەشتۈرگۈچى ھورمونلار ئاجراتمىنى ئاز چىقىرىپ، مۇۋاپىق ھالدا ئاستا - ئاستا جىددىيلەشتۈرۈشنى تۈگىتىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ. بۇ تەبىئىيلا ياخشى ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ، بىر - ئىككى سائەت ئىچىدە بالىياتقۇ ئېغىزى پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، سۇ ئىچىدە تۇغۇش كېرەكمۇ - يوق؟ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىپ بەلگىلەش كېرەك. ئىلمان سۇ جىنسىي يولدىكى مۇسكۇللارغا سىڭىپ كىرىپ، جىنسىي يولنىڭ زەخىملىنىشى ئاز بولىدۇ. بوۋاق سۇ ئىچىدە تۇغۇلسا، دەرھال سۇ يۈزىگە لەيلەپ چىقىدۇ، چۈنكى ھامىلە سوغۇق مۇھىتقا ئۇچرىغاندا ئاندىن نەپەس ئالىدۇ. تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ بالىياتقۇسى تارىيىشقا باشلىغاندا، بالا ھەمراھىمۇ سۇدىن ئايرىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە