UyghurWiki›نەمە›ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزىدە ئۇيقۇ خۇمارلىقبەزىدە ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزىدە ئۇيقۇ خۇمارلىقبەزىدە ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلسە قانداق قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە، بەدەننىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى ھامىلىدار بولغان ۋاقىتتىكى يېڭى قىياپەتكە ماسلىشالمايدۇ. شۇڭا، ئادەم نىسبەتەن ئوڭاي چارچاش ھېس قىلىپ، تولا ئۇيقۇسى كېلىدىغان بولۇپ قالىدۇ، يەنە ھامىلىدار ۋاقىتتا سېرىق تەل ھورمونىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ھورمون مېڭىنىڭ بەلگىلىك قىسمىنى پالەچلەندۈرۈش رولغا ئىگە بولۇپ، ئادەمنى روھسىز، دائىملا ئۇيقۇسى كېلىپ تۇرىدىغان قىلىپ قويىدۇ. ئادەتتە، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھەر كۈنى سەككىز سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىغاندىن سىرت، ئەڭ ياخشىسى چۈشتە بىر سائەت ئەتراپىدا ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. بۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ۋاقىتتا، ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. تىت - تىت بولۇپ، بىئارام بولۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە بالا تەۋرەش، نەپەسلىنىش قىيىن بولۇش ۋە پۇت تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ دەل ھامىلىدار ئاياللارنىڭ دائىم ئۇيقۇسى كەلمەسلىكىنىڭ سەۋەبى — بۇنىڭدىن باشقا، بەدەننىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇغۇشتىن ئەنسىرەش قاتارلىق ئىشلارمۇ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇيقۇدىن ئاۋۋال سۇ بىلەن يۇيۇنۇش ياكى ئاز مىقداردىكى ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە، ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىشكە ياردىمى بولىدۇ. كەچلىك تاماقتىن كېيىن، قەھۋە ۋە قېنىق چاي ئىچمەسلىك كېرەك. ئۇخلايدىغان يەر شامال ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان يەر بولسا بىر ئاز ياخشى، كارىۋاتتا ياتقاندىن كېيىن ئاستا - ئاستا نەپەسلەنگەندىمۇ، بىر ئاز ئوڭاي ئۇخلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى ئۇسۇلنى سىناپ باققان تەقدىردىمۇ يەنىلا ئۇخلىيالمىسا، ئۆزىنى مەجبۇرلىماي، بەدىنىنى ئازراق ئارام ئالغۇزسا بولىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇيقۇ دورىسى يېمەسلىك، ئېغىر دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىققا دۇچار بولغاندا، دوختۇر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېقىش كېرەك.