UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقۇشلارنىڭ ئۇۋىسى قۇشلار ئۇخلايدىغان جايمۇ؟

قۇشلارنىڭ ئۇۋىسى قۇشلار ئۇخلايدىغان جايمۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇن كىشىلەر، قۇشلارنىڭ ئۇۋىسىنى قۇشلارنىڭ ماكانى، شۇنداقلا قۇشلار ئۇخلايدىغان جاي دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ گەپنىڭ ئازراقمۇ ئىلمىي ئاساسى يوق. زوئولوگلار قۇشلارنىڭ ياشاش ئادىتىنى كۆزەتكەندە شۇنى بايقىغانكى، نۇرغۇن قۇشلار ئۇۋىسىدا قونمايدىكەن. ھەتتا بوران چىققان، يامغۇر ياغقان چاغلادىمۇ ئۇۋىسىغا كېلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالمايدىكەن. مەسىلەن، ياۋا ئۆردەك بىلەن ئاق قۇ كېچىسى بوينىنى ئېگىپ بېشىنى قانىتىنىڭ ئارىسىغا قىستۇرۇپ، سۇدا لەيلەپ يۈرۈپ ئۇخلاۇيدۇ. تۇرنا، لەيلەك، قاقىر قاتارلىق ئۇزۇن پاچاقلىق قۇشلار بولسا، يەردە ئۆرە تۇرۇپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. قۇشلار ئۇۋىسىدا ئۇخلىمىسا، نېمە ئۈچۈن بىر مۇنچە جاپا تارتىپ ئۇۋا ياسايدۇ؟ ئۇۋا كۆپ ساندىكى قۇشلارنىڭ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرىدىغان <تۇغۇتخانىسى> دۇر. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چىشى قۇش ئۇۋسىدا تۇخۇم تۇغىدۇ ۋە تۇخۇم باسىدۇ، بۇنداقتا ئۇۋا يەنە بالا باقىدىغان جاي بولىدۇ. قۇش بالىلىرىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئۇۋىنى بىر ئالىدۇ - دە، ئاتا - ئانىسىغا ئۇۋىسىدا پۇت قويغۇدەكمۇ يەر قالمايدۇ. كېيىن قۇش بالىلىرى چوڭ بولۇپ مۇستەقىل ياشاشقا باشلىغاندا، قۇش ئۇۋىسىمۇ مۇھىم بۇرچىنى ئادا قىلىپ بولىدۇ، ئاخىر قۇشلار ئۇنى تاشلىۋېتىدۇ. يىغىپ ئېيتقاندا، يەر شارىدىكى 9000 خىلدىن ئارتۇق قۇشنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۇۋىسى كېچىسى ئۇخلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلىرىنى تۇغۇپ چوڭ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن ئۇۋىسىنى ئۆي قىلىۋالىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى قۇشلارمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار نەمە
قۇشلارنىڭ ئۇۋىسى قۇشلار ئۇخلايدىغان جايمۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki