UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس قىستاش يىـغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېگەن نېمە؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس قىستاش يىـغىندى كېسەللىك ئالامىتى دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس قىستاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى يەنە ئۆپكە سۈزۈك پەردىلىنىش كېسىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىقى بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلاردا كۆرۈلىدىغان بولۇپ، Ⅱ تىپلىق ئۆپكە پۈۋەكچىسى ھۈجەيرىسى بىرىكتۈرگەن سىرتقى يۈز ئاكتىپ ماددىلار يېتىشمەسلىك ئېلىپ كەلگەن تەرەققىي قىلىشچان ئۆپكە كېڭەيمەسلىكتىن ئىبارەت. ئاساسلىق ئىپادىسى تۇغۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي كۆرۈلىدۇ، نەپەس قىيىنلىشىش، كۆكىرىش، نەپەس سۈمۈرۈش خاراكتېرلىك ئىڭراش، نەپەسلىنىش ئۈچ ئويمان ئالامىتى ھەم نەپەس زەئىپلىشىش، شۇنىڭدەك تەرەققىي قىلىشچان ئېغىرلاشقا يۈزلىنىدۇ. بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھامىلە يېشى قانچە كىچىك بولسا كېسەللىنىش نىسبىتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى نەپەس قىستاش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئاغرىپ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى، دەسلەپكى مەزگىلىدە نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابى بىلەن داۋالانغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ھايات قالىدۇ، شۇڭا تېزدىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈتۈش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە