بوۋىقۇش قۇشلارنڭ ئەجدادىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
قۇشلار قانداق ئۆزگەرگەن؟ دېگەن مەسىلىگە ئالىملار تا ھازىرغىچە ئېنىق جاۋاب تاپالمىدى. چۈنكى، قۇشلارنىڭ سۆڭىكى ئاجىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئاسماندا ئۇچىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلىنىش پۇرسىتى ئىنتايىن ئاز. شۇڭا، قۇشلارنىڭ تاشقا ئايلانغانلىقىغا دائىر ماتېرىياللارمۇ كۆپ ئەمەس.
بۇنىڭدىن 100 نەچچە يىللار ئىلگىرى، بىرەيلەن گېرمانىيىنىڭ باۋارىيەدىكى ھاك تاش قاتلىمىدىن تاشقا ئايلانغىنىغا 150 مىليون يىل بولغان بىر ئىپتىدائىي قۇشنى بايقىغان. بۇ قۇشنىڭ تاشقا ئايلانغان جىسىمدىكى پەيلەرنىڭ ئىزناسى ناھايىتى ئېنىق بولغاچقا، ئۇنىڭ دەسلەپكى پەيلىرى بىلەن كېيىن چىقارغا پەيلىرىنى ئېنىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. بۇ خىل ئىپتىدائىي قۇشنىڭ ئالدى پۇتلىرى قاناتقا ئايلىنىپ كەتكەن، ئۇقۇرەك سۆڭىكى بولسا ئارا سۆڭەك بىلەن بىرىكىپ كەتكەن، دوۋسۇن سۆڭىكى كەينىگە تارتىلىغانىكەن. بۇ ئالاھىدىلىكلەرنىڭ ھەممىسى ھازىرقى قۇشلارنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. لېكىن، ئەجەبلىنەرلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئېغىزىدا چىشى بار بولۇپ، قانتىنىڭ ئۇچىغا ئۈچ تال تىرناق ئۆسكەن؛ ئالىقان سۆڭىكى بىلەن ئاياغ پەنجە سۆڭىكى ئايرىلىپ كەتكەن، نۇرغۇن تارقاق ئومۇتقا سۆڭىكىدىن تەشكىل تاپقان ئۇزۇن قۇيرۇقىمۇ بار بولۇپ، بۇ ئالاھىدىلىكلەر يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭكىگە ئىنتايىن ئوخىشىشىپ كېتىدىكەن. ئۇ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارنىڭ قۇشلارغا ئايلىنىش جەريانىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ۋەكىلى بولغاچقا، بوۋىقۇش دەپ ئاتالغانىكەن.
بوۋىقۇش قانداق قىلىپ يەردە ياشاشتىن ئاسماندا پەرۋاز قىلىدىغان بولۇپ قالغان؟ بەزىلەر: چۈنكى قۇشلار دەل - دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىدىغان بولغاچقا، تەدرىجىي ھالدا قىسقا ئارىلىققا لەيلەپ ئۇچۇشتىن بارا - بارا ئۇچۇشنى ئۆگەنگەن، دەپ قارىغان. يەنە بەزىلەر بولسا: ئىپتىدائىي قۇشلار ئىككى پۇتلار يۈگۈرىدىغان ھايۋان بولۇپ، ئالدى پۇتى بىلەن كىچىك ھايۋانلارنى تۇتۇپ يېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئالدى پۇتى يۈگۈرۈش جەريانىدا تەدرىجى قاناتقا ئايلانغان، دەپ قارىغان.
بوۋىقۇشنىڭ پەقەت تاشقا ئايلانغان سۆڭىكىلا بولسىمۇ، لېكىن ئۇ قۇشلارنىڭ پەيدا بولۇش مەنبەسى ھەققىدە ئىنسانلارنى دەلىل - ئىسپات بىلەن تەمىن ئەتكەچكە، قۇشلارنىڭ ئەجدادى، دەپ ئاتالغان.