UyghurWiki
UyghurWikiنەمەقىزىتمىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟

قىزىتمىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى قايسىلار؟

نېمە ئۈچۈن قىزىتمىنىڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان سەۋەبلىرى: 1. يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك قىزىتما. ھەرخىل كېسەل قوزغاتقۇچىلار مەسىلەن: ۋىرۇس، مىكوپلازما، باكتېرىيە، سىپروخېت (بۇرما تەنچە)، زەمبۇرۇغ، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش، ئوخشاشلا قىزىتما ئالامىتى بولىدۇ. 2. يۇقۇملىنىش بولمىغان قىزىتما. باكتېرىيىسىز، مېخانىكىلىق ياكى فىزىكىلىق يارىلىنىش، مەسىلەن: چوڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىن توقۇلما زەخىملىنىش، ئىچكى قاناش، چوڭ دائىرىلىك كۆيۈپ يارىلىنىش قاتارلىقلار، توقۇلما نېكروزلىنىش، ھۈجەيرە بۇزۇلۇش مەسىلەن: راك، ئاق قان كېسىلى، لىمفا ئۆسمىسى، قان ئېرىش رېئاكسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قىزىتمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 3. ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم توسقۇنلۇققا ئۇچراش. مەسىلەن: قالقانسىمانبېزىنىڭ ئىقتىدارى ئۈستۈن بولۇش، ئېغىر دەرىجىدە سۇ يوقىتىش قاتارلىقلارمۇ قىزىتما پەيدا قىلىدۇ. 4. تېرىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى ئازلاش. مەسىلەن: چوڭ دائىرىدىكى تېرە ياللۇغى، قاسىراقلىق تەمرەتكە قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن سىرت بوۋاققا ۋاكسىنا ئۇرغاندىن كېيىنمۇ قىسقا ۋاقىتلىق قىزىتما كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
← بارلىق تېمىلار نەمە