قان تىپىنى نېمىشقا تەكشۈرتۈش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئانىغا قان بېرىشكە توغرا كەلگەندە، چوقۇم ئالدى بىلەن قان تىپىنى تەكشۈرۈش. بولۇپمۇ، ئانا بىلەن ھامىلە ئوتتۇرىسىدا قان تىپىنىڭ ماس كەلمەسلىك ئەھۋالى بار - يوقلۇقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك، ئادەتتە قان تىپى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.
1. Rh قان تىپى ماس كەلمەسلىك، ئانا تېنىدىكى Rh قان تىپى مەنپىي، قورساقتىكى ھامىلىنىڭ Rh، قان تىپى مۇسبەت بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئەگەر تۇغقان ۋاقىتتا بالا ھەمرىيىدىكى پەردە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان ۋە باشقا ئەھۋاللار كېلىپ چىققان بولسا، Rh دىكى ئۇيۇپ قالغان سۇيۇقلۇق ۋە گازلار بالا ھەمراھى ئارقىلىق ئانا تېنىگە سىڭىپ كىرىپ، ئانا تېنىدە Rh غا قارشى ئۇيۇتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئىممۇنىتېتلىق ئانتىتېلا بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلە تېنىگە سىڭىپ كىرىپ، ئېغىر تىپتىكى گېمولىز (قان ئېرىش) ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا گېمولىز (قان ئېرىش) ھەتتا، بويىدىن ئاجراپ كېتىش ياكى بوۋاق ئۆلۈپ قېلىش ھادىسىلىرى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا Rh قان تىپىنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى بىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
2. AB قان تىپى ماس كەلمەسلىك، ھامىلىنىڭ قان تىپى ئىككى كىشىنىڭ قان تىپى ئارقىلىق بىرىككەچكە، ئانا بىلەن ھامىلىنىڭ قان تىپىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بىراق، بۇ Rh قان تىپى بىلەن ئوخشاشمايدۇ. بۇ خىل مۇۋاپىق بولماسلىق قانداقتۇر توسالغۇلارنى پەيدا قىلىشى ناتايىن، بۇ پۈتۈنلەي ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى ۋە ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ ۋە توسالغۇلارنى پەيدا قىلىدۇ. hR قان تىپىنىڭ مۇۋاپىق كەلمەسلىكى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدىغان توسالغۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بىر قەدەر يېنىك.