تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش بىلەن ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
نېمە ئۈچۈن
تۇرمۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقىت ئۇقۇمىمۇ تەرتىپلىك تۇرمۇشنىڭ كونكرېت ئىپادىسى. ئادەتتە بالىلارنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى تۇرمۇشنىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلەن: ئەتىگەنلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇخلاش كېرەك. كەچلىكى دادا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىرلىكتە كەچلىك تاماق يېيىش، تاماقتىن كېيىن ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ئويۇن ئويناش، ئاندىن مېۋە يېيىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۇيۇنۇش قاتارلىقلار. بالىلار بۇ خىل ۋاقىت ئۇقۇمىنى ئىگىلىۋالغاندىن كېيىن تۇرمۇشى مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەگەر بالا مەلۇم بىر ئىشنى قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقچى بولسا، ئاپىسى ئۇنىڭغا <چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن> ياكى <دادىڭىز كەلگەندىن كېيىن> دېسە، ئۇ سەۋرچانلىق بىلەن ساقلايدۇ. بەزى بالىلار يەسلىدە چوڭلارنى دوراپ قول سائىتىگە قارايدۇ. ئۇلارنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ ئورۇن نۇقتىسىدا ئىپادىلىنىدۇ. (گەرچە ئۇ سائەتنىڭ نەچچە بولغانلىقىنى بىلمىسىمۇ). مەسىلەن: ئۇ سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ مەلۇم بىر ئورۇننى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرگەندە، ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆزىنى ئالغىلى كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەگەر مۇھىتتا ئۆزگىرىش بولسا، مەسىلەن: سىرتقا چىقىپ ئويناش، ناتونۇش بولغان ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىش قاتارلىقلار تۇرمۇش تەرتىپىنى بۇزۇۋېتىدۇ. بۇ، بالىنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمىغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئىگىلىشىگە پايدىسىز. شۇڭا، بۇ ياشتىكى بالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىشنىڭ ئاز بولغىنى ياخشى. يەسلىدە تولۇق تۇرسىمۇ، ئاخشىمى ئاتا - ئانىسى بىلەن بىرگە بولۇشى كېرەك.