UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېغىرلىقى ئارتماي ئەكسىچە تۆۋەنلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاق تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېغىرلىقى ئارتماي ئەكسىچە تۆۋەنلەيدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئادەتتىكى ئەھۋالدا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر ھەپتە ئىچىدە فىزىئولوگىيىلىك ئېغىرلىق تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە كۆپ ئۇخلاپ ئاز يەيدۇ، سۈت ئېمىش مىقدارى ئاز ھەمدە نەپەسلىنىش، تەرلەش، چوڭ - كىچىك تەرەت سۇ يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلە تەرىتىنى چىقىرىدۇ، شۇڭا بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقى تۆۋەنلەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن سۈت ئېمىش مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتىدۇ ھەم ئۆرلەيدۇ. تۇغۇلۇپ 7 ~ 10 كۈن ئەتراپىدا تۇغۇلغاندىكى ئېغىرلىقىغا يېتىۋالىدۇ. ئەگەر تۇغۇلۇپ ئون كۈن بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقى يەنىلا ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىسە، چوقۇم ۋاقتىدا سەۋەبىنى تېپىش. ئەگەر ئېغىرلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى كېسەل سەۋەبىدىن بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسىتىپ داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە