اتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ قانداق داۋالاش ئۇسۇلى بار؟
نېمە ئۈچۈن
پاتولوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنى چوقۇم ئاكتىپ داۋالاش، تەرەققىي قىلىپ يادروغا سېرىقلىق چۈشۈشكە ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئادەتتىكى ئەھۋالدا پاتالوگىيىلىك سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل داۋالاش ئۇسۇلى بار:
1. كېسەل سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش. ئەگەر ئۆت يولى پۈتەيلىكتىن كېلىپ چىققان سېرىقلىق چۈشۈش بولسا تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيىسى ئارقىلىق داۋالاش.
2. نۇر بىلەن داۋالاش. نۇر بىلەن داۋالاش ھازىرقى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىۋاتقان، بىر ئاز بىخەتەر ھەم داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۇسۇل. ئادەتتە دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 420 ~ 470 نانومېتىرلىق كۆك رەڭلىك يالتىراق لامپا ئەڭ ئۈنۈملۈك. نۇر بىلەن داۋالىنىدىغان بوۋاق يالىڭاچ بولۇشى، ئەمما كۆز ۋە كۆپىيىش ئەزاسىنى قوغداشقا دىققەت قىلىش لازىم.
3. دورا بىلەن داۋالاش. فېرمىنتلىق ئىندۇكتور مەسىلەن: فېنوباربىتال ئىشلەتسە بولىدۇ. ئۇ گلۇكورونىك كىسلاتا يۆتكىگۈچى ئېنزىمنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ تېزلىتىش ئارقىلىق ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىننى گىلۇكورونىك كىسلاتالاشتۇرىدۇ. قان پلازمىسى ياكى ئاق ئاقسىلنى يەتكۈزۈپ، قان پىلازما ئاق ئاقسىلى ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىن بىلەن بىرىكپ ئەركىن ۋاسىتىلىك بىلىرۇبىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئىچكىرىلەپ مېڭە ھۈجەيرىسى بىلەن بىرىكىشنى ئازايتىپ، يادروغا سېرىقلىق چۈشۈشنىڭ كېسەللىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
4. قان ئالماشتۇرۇپ داۋالاش. ئېغىر دەرىجىدە قان ئېرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا نىسبەتەن بۇ خىل ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ.
5. باشقىلار، مەسىلەن: ئوكسىگېن كەملىكنى ياخشىلاش، يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش، ئىسسىقلىق ساقلاش، تۆۋەن قان شېكىرى قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش كېرەك