UyghurWiki
UyghurWikiنەمەدۇنيادا قانچە خىل ھايۋان بار؟

دۇنيادا قانچە خىل ھايۋان بار؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدا ئىنسانلاردىن باشقا، يەنە نۇرغۇن جانلىقلار ياشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ھايۋانلار ئەڭ كۆپ. ئالىملارنىڭ ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، دۇنيادىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشىدىكەن. ھايۋانلار تۈرى ئۆسۈملۈكلەر تۈرىنىڭ تەخمىنەن ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، مىكرو جانلىقلار سانىدىن تەخمىنەن ئون نەچچە ھەسسە كۆپ. بۇ سان - ساناقسىز، خىلمۇخىل ھايۋانلارنىڭ بەزىلىرى يىل بويى يەر ئاستىدا ياشايدۇ، بەزىلىرى قۇرۇقلۇقتا ئۆمىلەپ ياكى يۈگۈرۈپ يۈرىدۇ، بەزىلىرى ئاسماندا پەرۋاز قىلسا، يەنە بەزىلىرى سۇدا ئەركىن ئۈزۈپ ئوينايدۇ. بەزى ھايۋانلار ناھايىتى كىچىك بولۇپ، ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، تېتىراخىمېنا قۇرتىدىن 1000 نى يەرگە يىغسىمۇ بىر مىللىمېتىر كەلمەيدۇ؛ بەزى ھايۋانلار ئىنتايىن چوڭ كىتنىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مېتىردىن، ئېغىرلىقى 200 توننىدىن ئاشىدۇ. ھاشاراتلار ھايۋانات دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭ بىر تۈر بولۇپ، ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ھاشاراتلار تۈرى 1 مىليون خىلىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىنسانلارغا پايدىلىق. دېڭىز - ئوكيان ھايۋانلىرىنىڭ تۈرى 150 مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ. پەقەت ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بېلىق تۈرلىرىلا 25 مىڭ خىل بولۇپ، بارلىق ئومۇتقىلىق ھايۋانلارنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ. ئۇچار قۇشلارنىڭ تۈرى 9000 خىلدىن كۆپ. قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ تۈرى 3500 خىلدىن كۆپ. ئەگەر نەسلى قۇرۇپ كەتكەن ھايۋانات تۈرلىرىنى قوشۇپ ھېسابلايدىغان بولساق، يەر شارىدا ياشاپ ئۆتكەن ھايۋانلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ كۆپ بولغان بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە