تىلوسما گۈلى نېمە ئۈچۈن كەچ كىرگەندە كۈچۈك خۇش پۇراق چاچىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياز، كۈز پەسىللىرى كەچقۇرۇن تىلوسما گۈلى (ئايچېچەك دەپمۇ ئاتىلىدۇ) تەدرىجىي سارغۇچ يېشىل رەڭلىك ئېچىلىپ، دەممۇ دەم قويۇق خۇش پۇراق چاچىدۇ، شامال ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنى دىماغلارغا ئۇرۇپ كىشىنى مەستىخۇش قىلىدۇ. ئۆسۈمۈكلەرنىڭ كۈندۈزى ئېچىلغانلىرى كۆپ، لېكىن تىلوسما گۈلى نېمە ئۈچۈن كەچ كىرگەندىلا ئاندىن كۈچلۈك خۇش پۇراق چاچىدۇ؟
بىزگە مەلۇمكى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئېچىلىشى كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئۆسۈملۈكلەر ئېچىلىش، چاڭلىشىش جەريانىدا، نۇرغۇنلىرى ئۇنى ھاشاراتلارغا، مەسىلەن، ھەسەل ھەرىسى، كېپىنەك، پەرۋانە قاتارلىقلارغا تايىنىش ئارقىلىق ئورۇندايد. تىلوسما گۈلى كېچىسى ھەرىكەت قىلىدىغان پەرۋانە ئارقىلىق گۈل چاڭلىرىنى تارقىتىدۇ. تىلوسما گۈلى كېچىسى دەممۇ دەم كۈچلۈك خۇش پۇراق تارقىتىپ، پەرۋانىنى كېلىپ يوقلاپ ئۆتۈشكە جەلپ قىلىپ، ئۇنى <ۋاستىچى> قىلىدۇ.
بۇنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، تىلوسما گۈلىنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى كۈندۈزى ئېچىلىدىغان باشقا گۈللەرنىڭكىگە ئوخشاشمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گۈلى كۈندۈزى ئاپتاپ كۆرگەندىن كېيىن، گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى پارغا ئايلىنىدىغان ماي (ياغلىق شىرنە) تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى ئارقىسىدا ھاۋا تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق تېزلا پارغا ئايلىنىدۇ، ئۇنى پۇرىغاندىمۇ ناھايىتى خۇش پۇرايدۇ، ئەمما تىلوسما گۈلى باشقا گۈللەرگە ئوخشاشمايدۇ، ئۇ كۈندۈزى ناھايىتى ئاجىز پۇراق چىقىرىدۇ، قاراڭغۇ چۈشكەندە گەرچە ئاپتاپ كۆرمىسىمۇ خۇش پۇرىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ گۈل تاجى ياپراقچىسىدىكى ھاۋا تۆشۈكچىلىرى نەملىك مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ئاندىن ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەملىك قانچە يۇقىرى بولسا ھاۋا تۆشۈكچىلىرىمۇ شۇنچە چوڭ ئېچىلىدۇ. كېچىدە ھاۋانىڭ نەملىكى كۈندۈزدىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا تىلوسما گۈلىنىڭ ھاۋا تۆشۈكچىلىرى كەچقۇرۇن چوڭ ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدىن پارغا ئايلىنىدىغان خۇش پۇراق مايمۇ كۆپ بولىدۇ، تارقالغان خۇش پۇراقمۇ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك بولىدۇ