UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ياۋا ئوت چۆپلەرنى ھەر يىلى يوقاتسىمۇ يەنە ئۆسۈپ چىقىۋېرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياۋا ئوت چۆپلەرنى ھەر يىلى يوقاتسىمۇ يەنە ئۆسۈپ چىقىۋېرىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ياۋا ئوت - چۆپلەر زىرائەتلەرنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى، ئۇ زىرائەتلەر بىلەن يەر، ئوزۇقلۇق ۋە كۈن نۇرى تالىشىدۇ. بۇ تالىشىش جېڭىدە زىرائەتلەر ئاجىز كېلىپ، ھەمىشە <بەدەر قاچىدۇ>، ئاخىرىدا نائىلاج ئۆلۈپ كېتىدۇ. گەرچە دېھقانلار تۈرلۈك چارە - ئاماللار بىلەن ياۋا ئوت - چۆپ يوقاتسىمۇ، جۈملىدىن ئوتىغۇچ بىلەن ئوتاش، ئوت - چۆپ يوقىتىش دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللانسىمۇ، لېكىن ھەر خىل ياۋا ئوت - چۆپلەر يەنىلا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ چىقىۋېرىدۇ. ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتىرى ئاساسەن مۇنداق بىر قانچە تۈرلۈك: بىرىنچى، ياۋا ئوت - چۆپلەر ئىنتايىن كۈچلۈك كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە، يەر شارىدا 30 مىڭ خىلدىن ئارتۇق ياۋا ئوت - چۆپ بولۇپ، ئادەتتە ھەممىسى كۆپ مىقداردا ئۇرۇق ھاسىل قىلالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر يىلدا نەچچە ئەۋلاد كۆپىيەلەيدۇ. بەزى ياۋا ئوت - چۆپلەر يىلتىزى، يەر ئاستى غولى، تۈگۈنەك غولى قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ كۆپىيىپ ئەۋلاد قالدۇرالايدۇ. <دالا يانغىنىنى ئۆچۈرۈپ بولماس، باھار شامىلى ئۈزۈلمەس>، ياۋا ئوت - چۆپلەر ئەتراپىدىكى مۇھىت سەللا ياخشىلانسا يەنە كۆپ مىقداردا ئۆسۈپ چىقىدۇ. ئىككىنچى، ياۋا ئوت - چۆپلەر كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. ياۋا ئوت - چۆپلەر ئەۋلادمۇ ئەۋلاد دالىدا ئۆسۈپ كەلگەن بولۇپ ياۋايىلىقى كۈچلۈك. بۇ ھال ئۇلاردا قورغاقچىلىققا، ھۆلچىلىككە، سوغۇققا، شورلۇق تۇپراققا، قاقاسلىققا چىداملىق بولۇشتەك بىر يۈرۈش قابىلىيەتنى يېتىلدۈرگەن. مۇھىتى ناچار بەزى جايلاردا زىرائەتلەر ئۆسەلمەيدۇ، لېكىن ياۋا ئوت - چۆپلەر ئىنتايىن باراقسان ئۆسىدۇ. ئۈچىنچى، ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقىنىتارقىتىش ئۇسۇللىرى كۆپ خىل، ئادەتتە ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى يېنىڭ بولۇپ، ئۇلار شامال بىلەن بىللە ئۇچۇپ ناھايىتى يىراق جايلارغا تارقىلىپ كۆپىيەلەيدۇ. بەزى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۈستىدە ئىلمەكلەر ئۆسۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلار ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ تېنىگە يېپىشىۋېلىپ ھەممە جايغا تارقىلالايدۇ. بەزى ياۋا ئوت - چۆپلەرنىڭ ئۇرۇقلىرىنى قۇشلار ۋە ھايۋانلار يەپ كەتسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىپ، قۇشلار ۋە ھايۋانلارنىڭ ماياق - تېزەكلىرى بىلەن بىللە باشقا جايلارغا تارقىلىپ كۆپىيىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە