UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا سۇسىزلىنىدۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا سۇسىزلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نورمال ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %80 _%75 تىنىڭ ھەممىسى سۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېتابولىزمى ئىنتايىن يۇقىرى پەللىدە بولۇپ، بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ ئىككى - ئۈچ ھەسسىچىلىك، بولۇپمۇ ياز كۈنى ھاۋا ئىسسىق، قۇرغاق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تېرە ئارقىلىق پارلاندۇرۇش، نەپەس ۋە چوڭ - كىچىك تەرەت چىقىرىشتىن كۆپ مىقداردا سۇ يوقىتىدۇ. شۇڭا سۇغا بولغان ئېھتىياجى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاغرىپ قالغاندا، يىغلاش، قىزىش، قۇسۇش قاتارلىقلارمۇ زور مىقداردا سۇ يوقىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا ئاسانلا سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار كۆپرەك سۇ يوقاتقان ھامان نورمال فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى تەسىرگە ئۇچراپ، بەدەن تېمپېراتۇرىسى℃40~℃39 قا ئۆرلەپ كېتىدۇ شۇنداقلا تېرىسى قىزىرىش، كالپۇكى قۇرۇش، يىغلاپ توختىماسلىق قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا تېرە كۆكىرىپ، مېڭە لىپىلدىقى ئولتۇرۇشۇش، كالپۇكى قۇرۇپ يېرىلىش، ئىككى كۆزى توختاپ قېلىش، چىرايى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ دەل <سۇسىزلىنىش قىزىتمىسى> دۇر. بولۇپمۇ تۇغۇلۇپ ئۈچ - تۆت كۈن ئىچىدە، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سۈت مىقدارى ھەم نەپەسلىنىش، تېرىدىكى سۇ تارقىلىشنىڭ چوڭلۇقى، كىچىك تەرەت بىلەن چىققان سۇ مىقدارىمۇ كۆپرەك بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئاسانلا سۇسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن ئاسانلا سۇسىزلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki