ئۇچار تەخسە باشقا پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ئالەم كېمىسىمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
1947 - يىل 6 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئامېرىكىلىق بىر ئۇچقۇچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ ئۇچۇۋاتقاندا، توساتتىن ئاسماندا بىر نەچچە كۈمۈش رەڭلىك نۇر چېچىۋاتقان چەمبەر شەكىللىك جىسىم ئۇنىڭغا قاراپ كېلىشكە باشلىغان. ئۇلار بىردەم رەتكە تىزىلىپ ئۇچسا، بىردەم يۇقىرى - تۆۋەنگە سەكرىگەندەك ھالەتتە ئالغا ئىلگىرىلىگەن. بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئىز - دېرەكسىز ھالدا غايىب بولغان. بۇ ئىش بىردىنلا بىر مەھەل پەيدا قىلغان يېڭى خەۋەر بولۇپ قالغان، كىشىلەر بۇ خىل چەمبەر شەكىللىك ئۇچار جىسىمنى <ئۇچار تەخسە> دەپ ئاتاشتى.
كىشىلەر ئۇچار تەخسە ھەققىدە نۇرغۇن پەرەزلەرنى قىلىشتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن بەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى: ئۇچار تەخسە باشقا پلانېتا ئادەملىرى يەر شارىغا ئەۋەتكەن ئالەم كېمىسىدۇر دېگەندىن ئىبارەت. ئەمما ئالىملار ئەستايىدىللىق بىلەن ھېسابلاپ مۇنداق دەپ كۆرسەتى: سامانيولى سىستېمىسىغا يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتلىك ھاياتلىق بار پلانېتىدىن 1 مىليونى بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار ھەر يىلى بىردىن ئالەم كېمىسىنى ئەۋەتىپ پۈتكۈل سامانيولى سىستېمىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ دېگەندىمۇ، باشقا پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ئالەم كېمىلىرىنىڭ قۇياش سىستېمىسىغا كېلىش پۇرسىتى ئوخشاشلا كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، مۇنچىۋالا نۇرغۇن ئۇچار تەخسىنىڭ يەر شارىغا قەدەم تەشىرىپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەگەر يۈكسەك ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە باشقا پلانېتا ئادەملىرى بار بولسا، ئۇلار مۇشۇنداق ئارقا - ئارقىدىن يەر شارىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار نېمە ئۈچۈن بىز بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقە قىلمايدۇ؟
1969 - يىلى ئامېرىكا بىر مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 12 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئۇچار تەخسە دېلوسىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە، ئۇچار تەخسە دېيىلگەن بەزى نەرسىلەرنىڭ سۈنئىي ھەمراھىنىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىغا چۈشكەن پارچىسى ئىكەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ ئايروپىلان ۋە ھاۋا شارى ئىكەنلىكى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بەزىبىر ئاتموسفېرا ھادىسىسى ئىكەنلىكى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ قەستەن قىلىنغان چاقچاق ئىكەنلىكى بايقالغان. ئۇچار تەخسىنىڭ باشقا پلانېتا ئادەملىرىنىڭ ئالەم كېمىسى ئىكەنلىكىگە دائىر ھەقىقىي دەلىل - ئىسپاتتىن بىرىمۇ تېپىلمىغان.