دوختۇرلارنىڭ بالىنىڭ كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقىنى داۋالاش ئۇسۇلىغا قانداق ماسلىشىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقنى داۋالاش بولسا، ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىنىدىغان، داۋالاش ئۈنۈمى ئاستا، مۇشەققەتلىك بولغان داۋالاش خىزمىتى بولۇپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتا - ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكى بىرقانچە خىل جەھەتتە ماسلاشسا بولىدۇ:
1. ئاتا - ئانىلار بۇ خىل كېسەلگە نىسبەتەن تولۇق تونۇشقا ئىگە بولۇپ، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئېلىپ كېلىدىغان خەتىرى ۋە داۋالاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىپ، ھەرگىزمۇ پەرۋاسىزلارچە مۇئامىلە قىلماسلىقى كېرەك.
2. ئاتا - ئانىلار چوقۇم ھەيدەكچىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل كېسەللىكنى داۋالاشقا ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا بالىنىڭ يېشى كىچىك، سەۋرچانلىقى تۆۋەن بولغاچقا ھەمىشە بىرەر ئىشتىن ئوڭايلا بىزار بولىدۇ، شۇڭا ئاتا - ئانىلار دائىم بالىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بالىنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشى كېرەك.
3. داۋالاش تەرتىپىگە ۋە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئاپىرىپ داۋالىتىپ ۋە ئۈنۈملۈك داۋالاش مەقسىتىگە يېتىشى كېرەك.
4. ئاتا - ئانىلار بالىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مۇئەللىمنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بالىنىڭ مەكتەپ ئىچىدە كۆزەينەك كۆزىگە كىيىدىغان خالتىنى تاقىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم شۇنداقلا مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلارغا كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلارنى مازاق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىشى كېرەك.