<ئېل نىنو> ئالامىتى دېگەن قانداق ئىش؟
نېمە ئۈچۈن
<ئېل نىنو> ئالامىتى كىشىلەر تۇرمۇشىدا كۆرۈلگەن بىر يېڭى ئاتالغۇ بولۇپ، يەر شارىدىكى كىلىماتقا نورمالسىز ئۆزگىرىش پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىسپان تىلىدا <ئېل نىنو> دېگەن سۆز مۇقەددەس بوۋاق، يەنى ئەيسانىڭ ئوغلى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. لېكىن ئۇ ھازىر بىر ئىلىم - پەن ئاتالغۇسى سۈپىتىدە ئېكۋاتوردىكى شەرقىي تىنچ ئوكيان، ئوتتۇرا تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا ھەر ئۈچ - بەش يىلدا بىر قېتىم كەڭ كۆلەمدە يۈز بېرىدىغان دېڭىز سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىش ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ.
كۆپ يىللاردىن بۇيان كىشىلەر شۇنى بايقىدىكى، ھەر يىلى 12 - ئاينىڭ ياكى 1 - ئاينىڭ باشلىرى، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتور ۋە پېرو دېڭىزى قىرغىقى ئەتراپىدىكى دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسى دائىم يۇقىرى ئۆرلەپ كېتىپ، بېلىقلار توپى تۇيۇقسىز يوقىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تىنچ ئوكياننىڭ كىلىماتىدىمۇ نورمالسىزلىق يۈز بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئالامەت ھەر ئۈچ - بەش يىلدا بىر قېتىم ناھايىتى كۈچلۈك ئىپادىلىنىدۇ. <ئېل نىنو يىلى> دا پۈتۈن يەر شارى كىلىماتىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ: بەزى رايونلاردا قۇرغاقچىلىق بولۇپ يامغۇر ياغمايدۇ، بەزى رايونلاردا قىيان - ھۆل يېغىن كۆپىيىپ كېتىدۇ، بەزى رايونلاردا سوغۇق ھاۋا بىلەن ئىسسىق ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن، 1998 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ئالاھىدە زور كەلكۈن، ھۆل - يېغىن ئاپىتى شۇ يىلىدىكى <ئېل نىنو> ئالامىتى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك.
ھازىر، دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالىملىرى <ئېل نىنو> ئالامىتى ئەكېلىدىغان كىلىمات نورمالسىزلىقى ۋە تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، <ئېل نىنو> ئالامىتىنىڭ يۈز بېرىش قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلماقتا.