UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دېڭىز چايكىسى پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز چايكىسى پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا ئامراق؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىزدا كېتىۋاتقان پاراخوتنىڭ ئەتراپىدىكى ھاۋا بوشلۇقىدا بىر نەچچە دېڭىز چايكىسىنىڭ خۇددى پاراخۇتقا باغلاپ قويغان لەگلەكتەك ئازراقمۇ نېرى بولماي ئۇچۇپ يۈرگىنىنى دائىم كۆرۈپ تۇرىمىز. نېمە ئۈچۈن دېڭىز چايكىلىرى پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا تولىمۇ ئامراق؟ پاراخوت دېڭىزدا كېتىۋاتقاندا بىر تۈرلۈك يۇقىرىغا ئۆرلىتىش كۈچى ھاسىل بولىدۇ، دېڭىز چايكىسى مانا مۇشۇ ئالاھىدە كۈچتىن پايدىلىنىپ، قانىتىنى قاقمايلا ئۇچۇپ ماڭالايدۇ. ئەمەلىيەتتە، دېڭىز چايكىسىنىڭ تېنىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان كۈچ بوشلۇقىدىكى چوڭ ھاۋا ئېقىمىدۇر. ھاۋا ئېقىمىدىن شامال ھاسىل بولىدىغانلىقى بىزگە ئايان. ھاۋا توپى يۆتكىلىۋاتقاندا، توسالغۇغا ئۇچرىسا، يۇقىرىغا ئۆرلەپ ھاۋا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بولۇپمۇ تۈپتۈز ھالەتتىكى دېڭىز يۈزىدە ئېقىپ يۈرگەن ھاۋا توپى پاراخوتقا يولۇقسا، تېخىمۇ ئاسان يۇقىرىغا ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. زېرەك دېڭىز چايكىلىرى مۇشۇ ھادىسىدىن پايدىلىنىپ قانىتىنى يېيىپ، يۇقىرىغا ئۆرلىگەن ھاۋا ئېقىمىدا، ھىچقانچە كۈچ سەرپ قىلمايلا پاراخوتقا يېقىن ئەگىشىپ ئۇچىدۇ. دېڭىز چايكىلىرىنىڭ پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇشى ئوزۇقلۇق ئىزدەش ئۈچۈندۇر. چۈنكى دېڭىز چايكىسىنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇقى بېلىق. پاراخوت دېڭىزدا يۈرگەندە، دېڭىزدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى قۇيرۇقىدىن ئۆرلەپ چىققان بۇژغۇنلارغا قوشۇپ سۇ يۈزىگە لەيلىتىپ چىقىرىپ دېڭىز چايكىلىرىغا يەم قىلىپ بېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دېڭىز چايكىسى پاراخوتقا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا ئامراق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki