نېمە ئۈچۈن ئادەم جىددىيلەشسە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئادەتتىن تاشقىرى ئەھۋال يۈز بەرسە، مەسىلەن، ئوت ئاپىتى يۈز بەرسە، ماشىنىنى جىددىي تورمۇزلىسا، ئادەم ناھايىتى جىددىيلىشىپ كېتىدۇ، بۇ چاغدا يۈرەك سوقۇشىمۇ تېزلىشىپ كېتىدۇ، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېز - ئاستىلىقى ئادەم بەدىنىدىكى ئىككى خىل ئۆز - ئۆزىگە خوجا نېرۋىغا باغلىق، بىرى ئاداشقان نېرۋا بولۇپ، ئادەم زەربىگە ئۇچرىغاندا، ئۇ يۈرەك سوقۇشىنى ئاستىلىتىدۇ؛ يەنە بىرى يۈرەك سىمپاتىك نېرۋىسى، ئۇ تەسىرگە ئۇچرىسا، يۈرەك سوقۇشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. نورمال ئەھۋالدا، بۇ ئىككى خىل نېرۋا چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت بۇ قوماندانلىق شتابىنىڭ بىر تۇتاش قوماندانلىقىدا بولۇپ، سىرتنىڭ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىز بولۇشىغا ئاساسەن، ئۆز ئارا قارشىلىشىش ئارقىلىق يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېز - ئاستىلىقىنى تەڭشەيدۇ.
ئادەم ئۇخلىغاندا ياكى دەم ئالغاندا، چوڭ مېڭە نىسپىي تورمۇزلىنىش ھالىتىدە تۇرىدۇ، ئاداشقان نېرۋا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ، شۇڭا يۈرەك سوقۇشىمۇ ئاستىراق بولىدۇ. ئەكسىچە، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى قىلغاندا ياكى خېيىمخەتەرگە يولۇققاندا، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ، بۇ يۈرەك سىمپاتىك نېرۋىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئادەم جىددىيلەشكەندە، ئادەم تېنىدىكى بۆرەك ئۈستى بېزى كۆپ مىقداردا بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنى كۆپەيسىمۇ، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كېتىدۇ.
ئەمما ئادەم تېنى بىر پۈتۈن گەۋدە، ھەر قايسى مەركەزلەر چوڭ مېڭىدىن ئىبارەت مۇشۇ قوماندانلىق شتابىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شۇڭا، ئادەم جىددىيلىشىپ كەتكەندە يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن تېزلىشىش قېتىم سانى مەلۇم دائىرىدە كونترول قىلىنىدۇ، ئادەتتە بىر مىنۇتتا 150 قېتىمدىن ئاشمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئادەم بەك چارچاپمۇ كەتمەيدۇ، بىئاراممۇ بولمايدۇ.