UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس؟

نېمە ئۈچۈن يېمەكلىكلەر ئىچىدە، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر پۇراقلىق، چۈرۈك، يۇمشاق بولۇپ، رەڭ، تەم، پۇراق جەھەتتە ياخشى بولغاچقا، بالىلار ئۇنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. لېكىن، ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنىڭ بىر مۇنچە ياخشى بولمىغان تەرەپلىرى بار، شۇڭا كۆپ يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس. ئالدى بىلەن، يېمەكلىكلەر ياغدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن بەزى ئوزۇقلۇقلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، مەسىلەن، ۋىتامىن C نىڭ ھەممىسى غايىب بولىدۇ، دېسىمۇ بولىدۇ؛ مايدا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن، ۋىتامىن B نىڭمۇ يېرىمى دېگۈدەك يوقىلىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، قازاندىكى ياغ يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا خىمىيىلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بولغان ماددىلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ياغ ئىچىدىكى بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ياغ كىسلاتاسى ۋە ۋىتامىنلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بىر مۇنچە كىشىلەر يېمەكلىك پىشۇرۇپ ئېشىپ قالغان ياغنى كېيىن ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىشنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى ناھايىتى كۆپ قايتا - قايتا ئىشلىتىلگەن ياغ ئىچىدىكى تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى رېئاكسىيىلىشىپ، زەھەرلىك ماددا پەيدا قىلىپ، ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئېلېمىز خەلقى پىلتە قۇيماق يېيىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، پىلتە قۇيماق پىشۇرىدىغان ياغ قايتا - قايتا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشپەز خېمىرغا كۆپىنچە زەمچە ئارىلاشتۇرىدۇ، زەمچىدە زور مىقداردا ئاليۇمىن بولىدۇ. دائىم پىلتە قۇيماق يېگەندە، ئاليۇمىن ئادەم تېنىدە يىغىلىپ قېلىپ، كىشىلەرنىڭ تېنى ۋە چوڭ مېڭىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئادەتتە ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئازراق يېگەن ياخشى. كىشىلەرنى ھەم مەززىلىك ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن بەھرىمەن قىلىش، ھەم ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىز ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە يېمەكلىك پىشۇرۇپ بولغان كونا ياغنى قايتا ئىشلەتمەسلىكىمىز، ياغ تېمپېراتۇرىسىنىڭ بەك يۇقىرى، ياغنىڭ قىزىش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزاق بولۇپ كەتمەسلىكىگە ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە