UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئىنكاسى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سېزىكلىك ئىنكاسى بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن سېزىكلىكنىڭ سەۋەبى تا ھازىرغىچە تولۇق ئېنىقلانغان ئەمەس، پەقەت بىلىدىغىنىمىز بۇنىڭ بىرقانچە خىل ئامىلدىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىدىن ئىبارەت. 1. ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن بولىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن، تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى ناھايىتى تېز ئۆرلەيدۇ، بۇ خىل ھورمونلارنىڭ قاندىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، ئىنكاسىمۇ شۇنچە ئېغىر بولىدۇ. نورمال ئەھۋال ئاستىدا تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى ھامىلىدار بولۇپ 10 ھەپتىدىن كېيىن تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، شۇڭا سېزىكلىك ئالامىتىمۇ خالىغان ۋاقىتتا ئۆزگىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن قوشكېزەك ياكى ئۈزۈمسىمان تۆرەلمىنىڭ تىۋىتلىق پەردە جىنسىي بەزلەرنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورمونى نىسبەتەن يۇقىرى، سېزىكلىكىمۇ نىسبەتەن ئېغىر بولىدۇ. 2. ئوزۇقلۇق ئامىلى. ھامىلىدار مەزگىلدە يېڭىدىن ماددا ئالمىشىش نىسبىتى كۆپىيىپ، ئادەم كۆپرەك ئوزۇقلۇققا موھتاج بولىدۇ. شۇڭا ئوڭايلا ۋىتامىن يېتىشمەسلىك شۇنداقلا ئېغىر كېسەللىك ئالامىتىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. ئەگەر ئەھۋال ئېغىر بولسا، بىر قىسىم ۋىتامىنلارنى (مەسىلەن، ۋىتامىن B6) تولۇقلاپ، كېسەللىك ئالامىتىنى يېنىكلىتىش كېرەك. 3. كەيپىيات، بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئادەتتە تۇرمۇش بېسىمى ئېغىر، ئائىلە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى جىددىي بولسا، سېزىكلىك ئالامىتىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 4. ماددا ئالمىشىش قان تۈرىدىكىلەرنىڭ ماددا ئالمىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ماددا ئالمىشىش سۈرئىتى ئۆزگىرىپ، يۇقىرى قان شېكىرى ۋە تۆۋەن قان شېكىرىگە قارىتا سەزگۈر بولۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، قورساق بەك تويۇپ كەتسە ياكى ئاچ قالسا، كۆڭلى ئېلىشىپ ھۆ بولىدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. 5. مەركىزىي قىسىم نېرۋىلىرىنىڭ ياندۇرۇشنى كونترول قىلىش مېخانىزملىرىنىڭ ئۆزگىرىشى. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدار مەزگىلىدە مەلۇم نەرسىنىڭ پۇرىقىغا مەسىلەن، ماي بۇسى، ئاچچىق يېمەكلىك قاتارلىقلارغا بولغان سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە