يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بىر كۈندىكى ئۇخلاشۋاقتى قانچىلىك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ مېڭە توقۇلمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكتىن، نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئويغىنىشىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى قىسقىراق بولۇپ، ئاسان چارچاپ ئۇخلاپ قالىدۇ. پەقەت ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولغاندا، ئاندىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەربىر توقۇلما ئەزالىرىنىڭ نورمال يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ھەر كۈنلۈك ئۇخلاش ۋاقتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 20 سائەت ئەتراپىدا بولۇپ، سۈت ئېمىشتىن سىرت ۋاقىتلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇخلايدۇ. ئىككى ئايلىق بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى تەخمىنەن 17 ~ 18 سائەت، تۆت ئايلىق بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى تەخمىنەن 16 ~ 17 سائەت، توققۇز ئايلىق بوۋاقنىڭ كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى تەخمىنەن 14 ~ 15 سائەت ئەتراپىدا، بىر يېشىدا كۈندىلىك ئۇخلاش ۋاقتى تەخمىنەن 13 ~ 14 سائەت ئەتراپىدا بولىدۇ. گەرچە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ۋاقتىدا خاس پەرق بولسىمۇ لېكىن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ زىيادە ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى ئاتا - ئانىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باشقا تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش يەنى روشەن ھالدا قاتتىق يىغلىغان ياكى يىغلىمىغانلىقى، ئۇخلىغاندىكى نەپەسلىنىشنىڭ تەكشى ياكى ئەمەسلىكى، ئويغانغاندا روھىي ھالىتىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىقلار، ئەگەر بىنورماللىق كۆرۈلسە دوختۇرغا ئاپىرىپ مەسلىھەت سوراش ياكى داۋالىتىش كېرەك.